
29-سىنتەبىر سەھەر سائەت 4:00 لەردە، لىق قوناق قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى 312-دۆلەت يولىنىڭ 4101 كىلومېتىرلىق رايونىدا (يەنى غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان يۆنىلىشتە) كېتىۋاتقاندا، ماشىنا ئۆرۈلۈپ كىتىپ، ماشىنىدىكى ئۈچ نەپەر ئادەمنىڭ بىرسى ئۆلگەن، قالغان ئىككىسى يارلانغان.
مۇخبىرنىڭ تېلېفون ئارقىلىق بورتالا ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئوتتۇرا ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى سەھەر سائەت 4:20 لەر ئەتراپىدا، بۇ ئەترەت ساقچىغا مەلۇم قىلىش تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيدانغا يىتىپ كەلگەن. بىر قۇتقۇزغۇچى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار نەق مەيدانغا يىتىپ كەلگەندە، ۋەقە يۈز بەرگەن يول بۆلىكى قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان ئىكەن. نومۇر تاختىسى «吉C2×××0» بولغان يۈك ماشىنىسى يولنىڭ پەس قىرغىقىدىكى ئازگالغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ماشىنىنىڭ كابىنكىسى ماكچىيىپ كەتكەن ئىكەن. ماشىنا كابىنكىسىدا ئۈچ ئادەم قاپسىلىپ قالغان ئىكەن. قۇتقۇزغۇچى خادىملار چېقىش ئۈسكۈنىسى بىلەن ماشىنا كابىنكىسىنى چېقىپ، ئىچىدىكى ئادەملەرنى قۇتقۇزغان. تەخمىنەن ئىككى يېرىم سائەتتىن كېيىن ، كابىنكىغا قاپسىلىپ قالغان بۇ ئۈچ نەپەر ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەر ئېغىر زەخىملەنگەنلىكتىن نەق مەيداندا قازا قىلغان. قالغان ئىككى ئادەم يارىلانغان ۋە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغان.





















