لۇ پەنپەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت 28 – سېنتەبىر مەدەنىيەتلىك جۇڭگو 2011 – يىللىق چەت ئەلدىكى خەنزۇچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇچرىشىش يىغىنىدا چەت ئەلدىكى خەنزۇچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
چەت ئەلدىكى خەنزۇچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى پائال تەشۋىق قىلىش، چەت ئەلدىكى خەنزۇچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرلىرىغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرۇش، چەت ئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ ئۆتكۈزۈشى ۋە جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، چەت ئەلدىكى خەنزۇچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاساسلىق مۇخبىرلىرىدىن 47 كىشى 24 – سېنتەبىردىن 29 – سېنتەبىرگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا مەدەنىيەتلىك جۇڭگو 2011 – يىللىق چەت ئەلدىكى خەنزۇچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىم شىنجاڭغا كەلگەن چەت ئەلدىكى خەنزۇچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى 20 دۆلەت، رايوندىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار چەت ئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق ۋە ئىجتىمائىي تەسىرى بارلار. بۇ جەرياندا زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ئۈرۈمچى، شىخەنزە، تۇرپان، فۇكاڭ، ماناس قاتارلىق ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلەرنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ھېس قىلىپ، شىنجاڭغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.
تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرىگە شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ۋە ئۇلار قىزىقىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.





















