
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى:
گىرمانىيە «دەۋىر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 28-سىنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بويان سۈرىيىدە 1000 دىن ئارتۇق قاچقۇن ئەسكەر ۋە قۇراللىق ئامما راستاندا، سۈرىيە زۇڭتۇڭى ئاسادنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن تۇقۇنۇشقان.
بىر ئۆكتچى ئەزاسىنى ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن خەلق ئەسكەرلىرى قاچقۇن ئەسكەرلەرنى قورشىۋېلىپ ئۇلارنىڭ چىقىش يولىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ قويغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەسكەرلەرنىڭ سىرىتقى ياردەمچىسىمۇ يوق ئىكەن. ئۆكتىچىلەر يەنە ئەرەپ دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئىتتىپاقىدىن سۈرىيىدە ئۇچۇشنى چەكلەش رايونى قۇرۇشنى تەلەپ قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.
راستان تۈركيىگە يېقىن بولۇپ، بۇ يەردە 40 مىڭ نوپۇس بار. بىراق بۇ يەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆكتىچى پارتىينىڭ پائالىيەت مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغان. 27-سىنتەبىر ھۆكۈمەت ئارمىيىسىمۇ بۇ كىچىك شەھەرگە ھۇجۇم قىلغان. شۇ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، گەرچە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى راستاننى قورشىۋالغىنىغا ئىككى كۈن بولغان بولسىمۇ لېكىن، شەھەردىكى نۇرغۇن ئادەملەر شەھەردىن ئايرىلمىغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئەسكەرلىرى يەنىلا زۇڭتۇڭ ئاسادقا سادىق بولۇپ، ئۇلار ئاستىرىتتىن كۆزىتىشنى كۈچەيىتكەن. ئەگەر بىرەر ئەسكەرنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇنلىمىغانلىقىنى سەزگەن ھامان، ئۇنى دەرھال بىرتەرەپ قىلغان.
























