
ھايات قالغان ۋېيياچىن سېستىرا بىلەن بىللە
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋېرى شڭشەن ناھىيىسىدىكى يولۇچىلار ئاپتۇبۇسى گۆمۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ھايات قالغان تۆت ياشلىق ۋېيياچىن جىڭجۇ شەھىرى 711-بالىلار يەسلىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۇ ئاپىسى بىلەن شىننوڭجاغا مايمۇن كۆرگىلى بارغانىدى . بىراق كىم بىلسۇن ئويلىمغان يەردىن ئۇلار ئوتتۇرا يولدا كېلىشىمەسلىككە ئۇچرىدى ۋە تەلىيىگە ۋېيياجىن ئىسىملىك بىر قارا كىيىملىك ئادەم تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇپ قېلىندى . دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە ، ۋېيياجىن بىلەن بىللە ماشىنىغا چىققان نۇرغۇن كىشىلەر بەخىتكە قارشى قازا تاپقان .
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خۇبېي شىڭشەن 10-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى تېلىگىراممىسى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مۇخبىر خۇبىي شىڭشەن ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان «جىڭجۇ شەھىرى ساياھەت ماشىنىسى كۆلگە چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسىنى ئېلان قىلىش يىغىنى »دىن 1-ئۆكتەبىر يولغا چىققان بۇ ساياھەت ماشىنىسىنىڭ كۆلگە چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 16ئادەمنىڭ قازا قىلىپ 19 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدى .ماشىنا ئىچىدىكى 35 نەپەر ساياھەتچىنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ نەپىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا شياڭگاڭ ، ئاۋمىن ۋە برۇنېيدىن كەلگەنىكەن .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قازا تاپقانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىمۇ ئىنتايىن جىددى ھالدا ئېلىپ بېرىلدى. ھەمدەجىڭجۇ شەھىرى مەخسۇس ماشىنا ئەۋەتىپ شىڭشەنگە ئۆلگەنلەرنىڭ ئۇرۇق- تۇققانلىرىنى كۈتۈۋېلىش ، ئورۇنلاشتۇرۇش ،تۆلەم بېرىش خىزمەتلىرىنى بىجىردى . ئىگەللەشكە قارىغاندا ۋەقەگە ئۇچرىغان ماشىنا سۇغۇرتىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك سۇغۇرتا شىركىتى 3مىليون تۆلەم بېرىشنى قارار قىلغان. نۆۋەتتە بۇ ئىشنىڭ سەۋەبى تېخى تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا ئىكەن .























