ئويۇنلار رەسىملەر چولپانلار ئىتوتلار ناخشىلار MTV كىنولار خەۋەر مەركىزى باش بەت
 
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلىقئارا >> يازما كۈرۈش >> 49 قېتىم كۈرۈلدى

«دولان قويى»كاتتا بايلارنىڭ ئەرمەك ھايۋىنى بولۇپ قالدى




   [ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى»نىڭ 27-سېنتەبىر خەۋىرى] دولان قويىنى باققۇچىلار: ھازىر دۇنيادا پەقەت 1000 دانە دولان قويى بار. بۇ قوينىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكى ئۆزگىچە بولغاچقا، جۇڭگودىكى كاتتا بايلارنىڭ ئەرمەك ھايۋىنى بولۇپ قالدى، دېدى.
   شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ رايونىدىكى 48 ياشلىق دولان قويى باققۇچى ليۇ فېڭخۇا: «چوڭ خوجايىنلار ئېسىل ئاپتوموبىللارنى ھەيدەپ بۇ يەرگە كېلىپ، قوينى ئاپتوموبىلنىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا سېلىپ ئېلىپ كېتىدۇ»، دېدى.
   ئۇ يەنە: «بۇ خوجايىنلارنىڭ ھەممىسى قوي بېقىپ بېيىغان ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار قىممەت قوينى ئەرمەك ھايۋان قىلىۋالىدۇ»، دېدى.
   دولان قويىنىڭ تۇمشۇقى بۈركۈتنىڭكىدەك ئېگىز، ئىلمەك، قۇلىقى ئۇزۇن كېلىدۇ. قەشقەر رايونىدا بېقىلىدىغان دولان قويى ئەسلىدە كىشىلەر يېتىشتۈرگەن تېز چوڭ بولىدىغان قوي بولۇپ، كېيىن ئەرمەك ھايۋان بولۇپ قالدى.
   ليۇ فېڭخۇا: «دولان قويىنىڭ باھاسى ئۇنىڭ نەسىلىگە باغلىق، قوينىڭ يۇڭى قاپقارا، قولىقى  چوڭ، ئىلمەك بۇرنى قانچە ئېگىز بولسا شۇنچە ياخشى. ئەڭ ياخشى دولان قويىنىڭ بەدىنى قارا، قۇيرۇقى ئاق بولىدۇ»، دېدى.
    ئۇ يەنە: دولان قويى ئالتە ئايدىلا يېتىلىپ، ئېغىرلىقى 200 قاداق(تەخمىنەن 90 كىلوگىرام)غا يېتىدۇ، دېدى.
    ھازىر باھاسى ئەڭ يۇقىرى دولان قويى قەشقەردىكى مىجىت ئابدۇرېھىم باققان ئالتە ياشلىق قوي. مىجىت: ئىلگىرى بىرى 14 مىليون يۈەن باھا قويۇپ، بۇ قوينى سېتىۋالماقچى بولدى، لېكىن سېتىشقا كۆزۈم قىيمىدى، دېدى.
    ليۇ فېڭخۇا: «بۇ قوي ئەڭ ياخشى نەسىللىك قويلارنىڭ بوۋىسى. مەندە ئۇ قوينىڭ بىر نەۋرىسى بار، باھاسى 6 مىليون يۈەن ئەتراپىدا. مەن جەمئىي 19 دولان قويى بېقىۋاتىمەن، ئۇلارغا چىلان، ياڭاق ۋە يۇمران ئوتلارنى بېرىمەن»، دېدى.
    دولان قويىنى باققۇچىلار: بىز دائىم بىرنەچچە ئائىلىلىك بىرلىشىپ مەبلەغ چىقىرىپ بىر دولان قويىنى سېتىۋالىمىز، ئاندىن نەسىللەندۈرۈش ھەققى يىغىمىز. ئەڭ ياخشى دولان قويىنىڭ ھەربىر قېتىملىق نەسىللەندۈرۈش ھەققى 300 مىڭ يۈەن، دېدى.
    ليۇ فېڭخۇا: «بۇلتۇر ئۆزۈم باققان 320 تۇياق ئادەتتىكى قوينى سېتىۋەتتىم. لېكىن بۇ پۇل  بىر دولان قويى سېتىۋېلىشقىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. مەن 2009-يىلىدىن باشلاپ دولان قويى  باقتىم، ئەينى ۋاقىتتا 25 مىڭ يۈەنگە بىر جۈپ دولان قويى سېتىۋالغانىدىم، كېيىنكى يىلى بىرى 250 مىڭ يۈەنگە ئالماقچى بولدى، ھەزىر باھاسى تېخىمۇ ئېشىۋاتىدۇ»، دېدى.
خەۋەر يوللانغان ۋاقىت :
33:13 04-10-2011
خەۋەر يوللىغۇچى :
رولچى تورى
ئەڭ ئاۋات خەۋەرلەر

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يالغۇز چارلاشقا چىقىپ قالغان رۇسىيە ئوفىتسېرى توساتتىن رۇسىيىنىڭ بىر يېزى ..

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى
مەرھۇم سادام راستىنلا كۇردلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرىۋەتكەنمۇ
ۋەھشى تالىبانلارنىڭ پاكىستان ئەسىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارلىدى
يەھۇدىيلار ئامېرىكىدا نېمىشقا شۇنچە تېرىسىگە پاتمايدۇ
ئامېرىكا جۇڭگونى «ئەڭ چوڭ دۈشمەن » دېدى
ئاۋىستىرالىيە زۇڭلىسى نامايىشچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىندى
ئىران سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرال -ياراق بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
ئىراننىڭ بىر ئايال چولپىنى فىرانسىيەنىڭ ژورنىلىغا يالىڭاچ رەسىمگە چۈشۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئىرانغا قايتىشى چەكلەندى
تۈركىيە 100 دانە F-35 كۆرەشچى ئايروپىلانى سېتىۋالماقچى
دادىسى توققۇز يىل مۇنچىغا سولاپ قويغان پەلەستىنلىك قىز
پاكىستاندا نۇرغۇنلىغان يۈرەك كېلىسى بىمارلىرى دورا رېئاكسىيە قىلىپ قازا قىلدى
ئاففانىستاندىكى نامايىشچىلار ھەرىكىتى ئەۋج ئالدى
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يىگىت ئامېرىكا ئايرۇپىلانىدا بىنلادىنغا مۇناسىۋەتلىك ناخشا ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەندى
ساھىبجامالنىڭ ئاجايىپ گىرىم قىلىش ماھارىتىنى كۆرگەنمىدىڭىز
ئىران ۋەزىيىتى خەلقئار نېفىت باھاسىغا تەسىر يەتكۈزدى
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر
ئوباما لادېن ئېتىۋېتىلگەندىن كېيىن چاۋاك چالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
جۇڭگو، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىستراتېگىيەلىك ئويۇن ئوينىماقتا
جاستىننىڭ قىز دوستى سېلىنا ئەتىر ئېلانىغا رەسىمگە چۈشتى
كولۇمبىيە ئارمىيىسى 32 نەپەر ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىۋەتتى
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق دېپلوماتى تۇتقۇن قىلىندى
قازاقىستان زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى مەغلۇپ قىلدى
ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتىدىكى بارلىق بازارلار ۋاقىتلىق تاقالدى
تۈركىيەنىڭ «ئالتاي» ناملىق تانكىسى 2015-يىلى ياسىلىپ بولىدۇ
ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىدە بومبىلىق جىلىتكە بايقالدى
ئامېرىكا ئاسىيادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما قۇرىدۇ
تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شېركىتى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ سۇرىيەگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى
سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئانناننىڭ 6 نۇقتىلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى
ئاۋسترالىيەنىڭ تېلېگراف تۈرى جۇڭگو شېركىتىنىڭ قاتنىشىشىنى چەكلىدى
پاكىستان سىياسىي ئۆزگىرىش دەۋرى بىلەن خوشلاشتىمۇ؟ (1)
ئابدۇللايېۋ ۋادى سېنېگال پىرىزدېنت سايلىمىدا مەغلۇپ بولدى
تۈركىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى لاھىيىسى ئىمزالىدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر
توربېكەت ھەققىدە بىزھەققىدەمۇلازىمەتلىرىمىزخېرىدارلىرىمىزئېلان بېرىڭھەمكارلىشىڭ

تور بېكەتنىڭ بارلىق نەشىر ھوقوقى رولچى ئۇيغۇر تورىغا مەنسۇپ

Copyright © 2010 - 2015 rolqi.cn. All Rights Reserved 版权所有偌利期综合网站

E_mail:rolqicn@sina.com 联系电话:13999084004 13899120664 QQ:345900349 رولچى توپ نومۇرى : 18591090

ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ (مەزمۇن پاش قىلىش ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى):13999084004

تور بېكىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەر قانداق تور ساھەسىدىكى تۈر بۇيىچە ھەمكارلاشقۇچىلارنى قارشى ئالىمىز!

رولچى تورى تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

备案号码:新ICP备10001499号-1