جوڭگۇ ئاخبارات تورى لوياڭ 3-ئۆكتەبىر تېلگىراممىسى:3-ئۆكتەبىر سەھەر سائەت 5:00ئەتراپىدا ،خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لوياڭ يىچۇەن ناھىيەسىدىكى بىر مېھمان ساراينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى لىفىتتا توساتتىن توك توختاپ قېلىپ ،3كىشىنىڭ لىفىت ئىچىگەە 2سائەت قاپسىلىپ قېلىشىدەك ئىش يۈز بېرىپ ،بۇ مېھمانسارايدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملار ھېچقانداق ئامال قىلالمىدى.بۇنىڭ بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشغا ئەگىشىپ،لىفىت ئىچىگە قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ جىسمانى قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ ،ئىنتايىن خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالدى.
شۇ كۈنى سائەت 5:39مىنۇت ئۆتكەندە،بۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا ۋاقتىدا يېتىپ بېرىپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق لىفىتتا 8-قەۋەت بىلەن 9-قەۋەتنىڭ ئارلىغىدا 3 كىشنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىغىنى،لىفىت ئىچىگە قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ جىسمانى قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىگىنى بايقاپ، دەرھال لىفىتنى چۇۋۇش ئەسۋاپلىرى بىلەن لىفىتنى مەجبۇرى ئېچىش ئۈچۈن ،ئۇلار ئاۋال ئىشىك قومۇرۇش ئەسۋابى بىلەن ،8-قەۋەتتىن لىفىت ئىشىگىدىن كىچىك يوچۇق پەيدا قىلىپ،ئاندىن سۇيۇقلۇق بېسىمى بىلەن كېڭەيتكۈچى ئەسۋابىنى يوچۇققا كىرگۈزۈپ، يوچۇقىنى ئاستا-ئاستا چوڭايتتى.بۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنا 5مىنۇت ئىچىدىلا لىفىت ئىشىگى ئېچىلىپ،لىفىت ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان ئۈچ كىشى قۇتقۇزۇپ چىقىلدى.تىببى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ،بۇ ئۈچ كىشىنىڭ لىفىت ئىچىدە قاپسىلىپ قالغان ۋاقتى ئۇزاق بولغاچقا،ھاۋا ئۆتۈشمەي،ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ،مۇۋاپىق ئارام ئالغاندىن ئوڭشىلىپ قالىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە،لىفىتتا كاشىلا پەيدا بولۇشىنى ،تۇتۇقسىز توك توختاپ قېلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئاممىغا ،يۇقارقىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا،لىفىت ئىچىدىكى جىددى قۇتقۇزۇشقا چاقىرتىش سېستىمىسىنى توغرا ئىشلىتىشنى،يەنە«110 »ياكى« 119»غا تېلفون قىلىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىشنى ۋەياكى ئىشىكنى ئۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىشنى ،بەلگە بېرىپ قۇتقۇزۇشنى ئۆتۈنۈشنى ،ئەگەر ئىنكاس بولمىسا،بىردەم تېچلىنىۋېلىپ،جىسمانى كۈچنى ساقلاپ قېلىپ،شەپە سەزگەندە ئاندىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىشنى،ئەمما بەك جىددىلىشىپ،لىفىت ئىچىدىكى كونۇپكىلارنى قالايمىقان باسماسلىقنى،ئىشىككە ئۆزىنى ئۇرۇپ ياكى لىفىتنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش تۈڭلۈگىگە يامىشىپ چىقىشتەك ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا تەۋەككۈل قىلماسلىقنى ،بۇ ئارقىلىق ھادىسە كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى.























