46 ياشلىق ۋاڭيۈن باشقىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئارقىلىق ، نەچچە دوختۇرخانىدا قىممىتى 1مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان دورىلارنى ئالداپ ئېلىۋالدى .تۈنۈگۈن مۇخبىرىنىڭ خەۋەر تېپىشىچە ، شەھەرلىك بىرىنچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدامچىلىق جىنايىتى ۋە قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ۋاڭيۈنگە مۇددەتلىك 7 يېرىم يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان . مەزكۇر دېلو مۇشۇ شەھەردىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسى ھېسابلىنىدىكەن .
ئەيىبنامىدە ، ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بۇلغان ئارىلىقتا ، خېيلوڭجىياڭلىق ئايال ۋاڭيۈن خەلق دوختۇرخانىسى ، چىنخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى يۈچۈەن دوختۇرخانىسىدا باشقىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئىشلىتىپ ، يالغاندىن كارتىنىڭ ئىگىسى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن دوختۇرخانىغا كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۈرلۈك دورىلارنى ئالداپ ئالغان .
مەزكۇر دېلو شەھەرلىك دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئامما مەلۇم قىلغانلىقتىن بايقالغان . ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ، ۋاڭيۈن قاتارلىق 5نەپەر گۇمانلىق كىشىلەر خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقى دەرۋازىسىغا يېقىن بىر جايدا تۇتۇلغان . ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋاڭيۈننىڭ تۇرار جايىدا 559خىل قانۇنسىز سېتىۋالغان ھەمدە سېتىشقا تەييارلاپ قويغان دورىلارنى تېپىۋالدى ،ئۇنىڭ قىممىتى 1مىليون 19مىڭ يۈەنگە تەك كېلىدىكەن .
ۋاڭيۈننىڭ دېيىشىچە ، ئۇنىڭ تۇغقىنى لۇ جەنخەي ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرىدىغان ھەمدە ئۇنىڭغا ماشىنا ھەيدەپ بېرىپ سېتىۋالغان دورىلارنى يۆتكەپ بېرىشكە ياردەملىشىدىكەن .
دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا ۋاقىت ، ئورۇننى بېكىتىپ دورا سېتىۋالغاندىن سىرت ، ۋاڭيۈن يەنە ئۆزىنىڭ ئالاقىلىشىش ئادرېسىنى ۋە سېتىۋالىدىغان دورىلارنىڭ ئىسىملىكىنى بىر كارتىغا يېزىپ ھەممە جايغا تارقىتىپ بەرگەن . دورا سېتىۋېلىشتىن سىرت ، ۋاڭيۈن يەنە كېسەل كۆرسىتىمەن دەپ باشقىلارنىڭ كارتىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان .
سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىغان . ۋاڭيۈن قاتارلىقلارنىڭ قىلمىشى ئالدامچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈردى ، ۋاڭيۈن ۋە لۇ جەنخەي يەنە قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈردى دەپ ، ۋاڭيۈنگە مۇددەتلىك 7 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ، لۇ جەنخەيگە مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن . باشقا ئۈچ كىشىگە بىردەك 1 يىللىقتىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىلگەن ، ھەمدە مۇناسىپ كېچىكتۈرۈلگەن .























