[ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى خەلقئارا شىركىتى تور بېكىتىنىڭ 27-سېنتەبىر خەۋىرى] مارىيە خېساي مارتىنېز ۋالدنېر بوئېنوس ئايرىستا چوڭ بولغان بولۇپ، ئىسپانچە ۋە ئىنگلىزچىنى بىلىدىكەن. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئۇ خەنزۇچە ئۆگىنىش نىيىتىگە كەلگەن. ئارگېنتىنادا بۇ تىلدا سۆزلىشىدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى. 2010-يىلى ئۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، جۇڭگوغا كېلىپ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى پۇختىلىغان. مارىيە خېساي مارتىنېز ۋالدنېر خەنزۇچىنى ھەم جۇڭگونىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەتراپلىق ئىگىلىگەچكە، ئۇنىڭ بوئېنوس ئايرىستىكى «باغچا مېھمانسارىيىدىكى خىزمىتىگە بەك ياردىمى بولغان. ئۇ بۇ مېھمانسارايدا ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بوئېنوس ئايرىسقا ساياھەتكە كەلگەن جۇڭگولۇقلارنى كۈتۈۋالىدىكەن.
ھازىر لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مېھمانساراي كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدىغان نۇرغۇن سودىگەر مارىيە خېساي مارتىنېز ۋالدنېرنى دوراپ، جۇڭگودىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى كۈتۈۋېلىش جەھەتتە ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكار بولماقتا.
ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا يەنىلا تۇنجى قېتىم چەت ئەلگە چىققان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان ساياھەت ئورنىدۇر. بىراق، ھازىر نۇرغۇن كىشى نەزەرىنى رەڭگارەڭ مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان مەنزىرىسى گۈزەل لاتىن ئامېرىكىسىغا قاراتماقتا.
بوئېنوس ئايرىستا ساياھەت كوپىراتىپى قۇرغان گۇستاۋو كوردانېس: «جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر لاتىن ئامېرىكىسىدىكى جۇڭگوغا ئوخشىمايدىغان جايلارغا بەك قىزىقىدۇ. شۇڭا، ئۇلار پاتاگونىيەدىكى مۇزلۇق، كىت ۋە پىنگىۋىنلار، ئارگېنتىنا بىلەن بىرازىلىيە چېگراسىدىكى ئىگۋازۇ شاقىراتمىسى ھەم پېرۇدىكى ماچۇپىچۇنى كۆرۈشكە بەك ئامراق»، دېدى.
ئامېرىكا «سىتارۋۇد» مېھمانسارىيى بىلەن «ئارامگاھ» خەلقئارا گۇرۇھى لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ لىدىرى ئوسۋالدو لىربىرچ: «بىر يىلدىن بۇيان جۇڭگولۇقلار بازىرىدا زور ئېشىش بولۇپ، مېكسىكا شەھىرىدىكى <سىتارۋۇد> مېھمانسارىيىنىڭ ٪364كە، بوئېنوس ئايرىستىكى<باغچا بىناسى> مېھمانسارىيىنىڭ ٪260كە يەتتى»، دېدى.
<سىتارۋۇد> مېھمانسارىيى دۇنيادىكى 19 شەھەردىكى مېھمانخانىلاردا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان جۇڭگۇلۇق مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش پىلانىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ تۈر بويىچە بۇ مېھمانخانىلار مېھمانلارنى ساپما كەش، چەينەك قاتارلىق كېرەكلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، خەنزۇچە تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ۋە خەنزۇچە گېزىت بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ. بۇ مېھمانسارايلارنىڭ تاماقخانىسىدا خەنزۇچە تاماق رىسالىسى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق ئادىتىگە ماس كېلىدىغان ئوماچ، پۇرچاق سۈتى، چۆپ قاتارلىق ئالاھىدە يېمەكلىكلەر بار.«خېلتون» مېھمانسارىيىمۇ يېقىندا ئۆزىنىڭ 13 دۆلەتتىكى 50 نەچچە مېھمانسارىيىدا مۇشۇنداق«قارشى ئېلىش» تۈرىنى يولغا قويدى.
مېھمانسارايلارلا جۇڭگولۇقلارنى تىرىشىپ جەلپ قىلىپ قالماستىن، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئاممىۋى تارماقلار ۋە خۇسۇسىي تارماقلارمۇ بۇ تۈرگە قاتناشتى. مېكسىكا ئاۋىياتسىيە شىركىتى 2010-يىلى مېكسىكا شەھىرى بىلەن شاڭخەي ئارىسىدا ئىككى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بىرازىلىيە جۇڭگوغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ساياھەتچىلەرنى 2014-يىلى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. ھازىر بوئېنۇس ئايرىستىكى تانگو ئۇسۇلى نومۇرلىرى تىزىملىكى ۋە كالا گۆشى كاۋىپى ساتىدىغان ئاشپۇزۇللارنىڭ تاماق رىسالىلىرىمۇ خەنزۇچە يېزىلىدۇ.
ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ خوجايىنى گۇستاۋو كوردانېس لاتىن ئامېرىكىسىغا ساياھەتكە بارىدىغان جۇڭگولۇقلار تېز كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، يېقىندا بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلدى. لېكىن، ئۇ جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەت پەرقى ئارىسىدا مۇۋاپىق تەڭپۇڭلۇق تېپىشنىڭ شىركەت داۋاملىق دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
























