
10-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 16ئەتراپىدا ، لەنجۇ-خەينەنداۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى سوڭزۈن بۆلىكى (زۈنيى شەھىرىدىن چوڭچىڭ تەرەپ)1185كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 9 ماشىنا زەنجىرسىمان سۇقۇشۇپ كەتتى . بىر مىنىبۇس ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراپ ، ماشىنا ئىچىدىكى ئۈچ كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن . يەنە بىر يۈك ئاپتوموبىلىدا ئاز بۇلىمىغان چوشقا ئۆلگەن .
نەق مەيداندا كۆرگۈچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، شۇ ۋاقىتتا 4 يۈك ماشىنىسى ، 5 كىچىك ماشىنا كەينى – كەينىدىن سۇقۇشۇپ كەتكەن . بىر كۈمۈش رەڭ مىنىبۇس ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچۇرغان ، ماشىنا ئىچىدىكى ئۈچ ئادەم نەق مەيداندا ئۆلگەن . ۋەقە سادىر بولغاندىن كىيىن ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شوپۇرلار بەس- بەستە ياردەم قۇلىنى سۇنۇپ باشقا 6 نەپەر زەخىملەنگەنلەرنى قۇتقۇزۇپ چىقىرىپ ، دوختۇرخانىغا ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇلغان .
«ۋەقە سادىر بولغاندىن كىيىن ، قاتناش توسۇلۇپ قېلىپ ماشىنىلار ئۇزۇن قاتار بولۇپ كەتتى ، تىرىك قالغان چوشقىلار ھەممە يەردە پىتىراپ يۈرەتتى» دەيدۇ نەق مەيداندا قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىۋاتقان زۈنيى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئالاھىدە ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر . ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر يىتىپ كەلگەندە ماشىنىلار 3 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا قاتار تىزىلىپ كەتكەن ئىدى . بىر تىرىك چوشقا توشۇيدىغان چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى قاتناش ۋەقەسىدە مال ساندۇقى بۇزۇلۇپ كەتكەن ، شەكلى ئۈزگۈرۈپ كەتكەن ماشىنا ساندۇقى ئىچىگە بىر چوشقا بېسىلىپ قالغان ، تاش يولدا چوشقىلار ئوڭ – تەتۈر يېتىپ كەتكەن بولۇپ ، قالغان تىرىك قالغانلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ھەممە جايدا قاتراپ يۈرەتتى . بۇ قېتىمقى قاناش ۋەقەسىدە تىرىك چوشقىلارنىڭ ئۈلۈش – يارىلىنىشى ئېغىر بۇلغان ئىكەن .
ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنىڭ يېرىم سائەتتىن كۆپرەك قۇتقۇزۇشى ئارقىلىق ، شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن مىنىبۇسنى بۇزۇپ ئېچىپ ، ئۈچ نەپەر بەختسىزلىككە ئۇچۇرغۇچىلارنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ چىقتى . ئۇنىڭدىن كىيىن ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش سۇ تاپانچىسى بىلەن يەر يۈزىدىكى زور مىقداردىكى مەينەتچىلىكىنى تازىلىغاندىن كىيىن قاتناش ئاندىن ئەسلىگە كېلىپ نورماللاشتى .























