«كوكاكولا» شىركىتى رۇسىيەدە ئەڭ چوڭ زاۋۇت قۇرماقچى
[فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رۇسىيە دون دەرياسى ۋادىسىدىكى روستوۋ، 27-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] دۇنيا بويىچە ئىچىملىك كەسپىدىكى ماگىنات «كوكاكولا» شىركىتى «پېپسى كولا(بەيشى كولا)» شىركىتىنىڭ رۇسىيەدە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دۇشەنبە كۈنى رۇسىيەدە ئەڭ چوڭ زاۋۇت قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ يېڭى زاۋۇت رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دون دەرياسى ۋادىسىدىكى شەھەر روستوۋغا قۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 120 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنىدۇ. بۇ زاۋۇت 2014-يىلى سۇچىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە كەلگەن نەچچە ئونمىڭ كىشىنى ئىچىملىك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«كوكاكولا» شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇتەيكاڭ زاۋۇت قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش مۇراسىمىدا: «بۇ يېڭى زاۋۇتنى قۇرۇش بىزنىڭ رۇسىيەگە ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىمىزنى قايتا نامايان قىلىپ بېرىدۇ»، دېدى.
«كوكاكولا» شىركىتى: «پېپسى كولا» شىركىتىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رايونىدا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شىركىتىمىز كەلگۈسى ئۈچ يىلدا رۇسىيەگە 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ»، دېدى.
























