ئويۇنلار رەسىملەر چولپانلار ئىتوتلار ناخشىلار MTV كىنولار خەۋەر مەركىزى باش بەت
 
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلىقئارا >> يازما كۈرۈش >> 12 قېتىم كۈرۈلدى

روسىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۆزگەرمەي قالمايدۇ

    [ئامېرىكا «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 27-سېنتەبىر ماقالىسى] پۇتىن رۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق تەختىگە قايتا چىقماقچى بولۇۋاتىدۇ، غەربنىڭ رۇسىيە ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلىرى بۇنىڭغا ھەيران قالمىدى. مېدۋېدېۋ باشتىن-ئاخىر پۇتىننىڭ ھىمايىچىسى بولدى. پۇتىننىڭ قوللىشى بولمىسا، شۈبھىسىزكى ھېچقانداق مۇھىم قارار چىقىرىلمايدۇ. بۇ يېڭى «ھۇجۇم خاراكتېرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش ۋە چەكلەش شەرتنامىسى»نى ئىمزالاش، ئافغانىستاندا ش ئا ئە ت بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ھەم ب د ت نى قوللاپ، ئىراننى جازالاش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىشلار پۇتىننىڭ ھوقۇقنى قايتا قولغا ئېلىپ، ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى.
    لېكىن، رۇسىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئالدى بىلەن پۇتىن مېدۋېدېۋ بىلەن زۇڭتۇڭ ئوباما قۇرغان دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالالمايدۇ. بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسى ئىككى رەھبەرنىڭ ئادۋوكات بولغانلىقىدىن ئىبارەت ئوخشاش ئارقا كۆرۈنۈشى بولغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ يېڭى تېخنىكىنى قوبۇل قىلىشتىكى پوزىتسىيەسى ۋە ئۇلارنىڭ زامانىۋى دۇنيا قاراشقا ئىگە بولغانلىقىدا.
    ئوباما بىلەن مېدۋېدېۋ ئىككى تەرەپ زۇڭتۇڭ كومىتېتىنى قۇردى، بۇ كومىتېت ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەسئۇل بولدى. بۇ كومىتېت تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. بىر پۈتۈن مۇناسىۋەتنىڭ مۇكەممەل تۈزۈملەشمەسلىكى رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ شەخسىي ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىگە باغلىق. ئەگەر پۇتىننىڭ كۆرسەتمىسى بولمىسا، رۇسىيە ئەمەلدارلىرى ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانماسلىققا مەجبۇر بولۇشى ھەتتا تەڭشەش جەريانىدا بىراقلا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن.
    پۇتىننىڭ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ئاپپاراتلىرىدا 20 يىل خىزمەت قىلغىنىنى ھېسابلىغاندا، ئۇ باشتىن-ئاخىر دۆلەت ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇ كىچىكىدىنلا كارخانىچى بولۇپ، سودىگەرلەرگە ئوخشاش مەنپەئەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال رۇسىيەدە تىجارەت قىلىۋاتقان غەربنىڭ كارخانىلىرىنى خاتىرجەم قىلىدۇ، ئۇلار بۇ دۆلەت بىلەن بولغان سودىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ، شۇنداقلا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن يېڭى كەسىپنى ئېچىش رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدۇ. سودا مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشنىڭ كېيىنكى مۇھىم نىشانى رۇسىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى ئەڭ تېز بولغاندا بۇ يىل دىكابېردا ئىشقا ئاشۇرۇش.
    دۆلەت ئىچىدە، پۇتىن قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىكى خامچوت كىرىزىسىگە دۈچ كەلدى. نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ھەم نېفىت گازىنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مۇقىملىشىش مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ھۆكۈمەت ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى داۋاملىق تارقىتىشقا ئىلاجىسىز قالدى، ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى، ياكى نوپۇسى كۈندىن-كۈنگە ئازىيىۋاتقان رايونلاردىكى ئۇزاق يىل رېمونتسىز قالغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالدى.
    بەلكىم، پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش ۋە ئېكسپورت قىلىشنى ئاساس قىلغان ھازىرقى ئىقتىسادىي ئەندىزىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، مېدۋېدېۋنىڭ رۇسىيەنىڭ پەن تەتقىقات ۋە ياساش كەسپىي تارماقلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى نۇرغۇن ئىدىيەلىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى. 
    ھوقۇق پۇتىندىن مېدۋېدېۋغا ئاندىن مېدۋېدېۋدىن پۇتىنغا قايتىپ كەلدى. ھوقۇقنىڭ بۇنداق ئالمىشىشى مەخپىي بېكىتىلدى. رەسمىي ھوقۇقنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. بۇ مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا غەرب دۆلەتلىرى ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىدۇ. پۇتىننىڭ زۇڭتۇڭلۇق ھوقۇقىنى قايتا قولغا ئېلىشى دېموكراتىيە ئىدىيەسىگە پۈتۈنلەي زىت، لېكىن «قايتا قوزغىتىش» مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ناتايىن. رۇسىيەدىكى نۇرغۇن ئامما ئۇنى قوللايدۇ، چۈنكى ئۇ مۇقىملىق ۋە ھازىرقى ھالەتنى ساقلاشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھازىر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ يەنىلا رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋىتىگە پايدىلىق. 

خەۋەر يوللانغان ۋاقىت :
35:13 04-10-2011
خەۋەر يوللىغۇچى :
رولچى تورى
ئەڭ ئاۋات خەۋەرلەر

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يالغۇز چارلاشقا چىقىپ قالغان رۇسىيە ئوفىتسېرى توساتتىن رۇسىيىنىڭ بىر يېزى ..

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى
مەرھۇم سادام راستىنلا كۇردلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرىۋەتكەنمۇ
ۋەھشى تالىبانلارنىڭ پاكىستان ئەسىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارلىدى
يەھۇدىيلار ئامېرىكىدا نېمىشقا شۇنچە تېرىسىگە پاتمايدۇ
ئامېرىكا جۇڭگونى «ئەڭ چوڭ دۈشمەن » دېدى
ئاۋىستىرالىيە زۇڭلىسى نامايىشچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىندى
ئىران سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرال -ياراق بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
ئىراننىڭ بىر ئايال چولپىنى فىرانسىيەنىڭ ژورنىلىغا يالىڭاچ رەسىمگە چۈشۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئىرانغا قايتىشى چەكلەندى
تۈركىيە 100 دانە F-35 كۆرەشچى ئايروپىلانى سېتىۋالماقچى
دادىسى توققۇز يىل مۇنچىغا سولاپ قويغان پەلەستىنلىك قىز
پاكىستاندا نۇرغۇنلىغان يۈرەك كېلىسى بىمارلىرى دورا رېئاكسىيە قىلىپ قازا قىلدى
ئاففانىستاندىكى نامايىشچىلار ھەرىكىتى ئەۋج ئالدى
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يىگىت ئامېرىكا ئايرۇپىلانىدا بىنلادىنغا مۇناسىۋەتلىك ناخشا ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەندى
ساھىبجامالنىڭ ئاجايىپ گىرىم قىلىش ماھارىتىنى كۆرگەنمىدىڭىز
ئىران ۋەزىيىتى خەلقئار نېفىت باھاسىغا تەسىر يەتكۈزدى
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر
ئوباما لادېن ئېتىۋېتىلگەندىن كېيىن چاۋاك چالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
جۇڭگو، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىستراتېگىيەلىك ئويۇن ئوينىماقتا
جاستىننىڭ قىز دوستى سېلىنا ئەتىر ئېلانىغا رەسىمگە چۈشتى
كولۇمبىيە ئارمىيىسى 32 نەپەر ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىۋەتتى
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق دېپلوماتى تۇتقۇن قىلىندى
قازاقىستان زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى مەغلۇپ قىلدى
ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتىدىكى بارلىق بازارلار ۋاقىتلىق تاقالدى
تۈركىيەنىڭ «ئالتاي» ناملىق تانكىسى 2015-يىلى ياسىلىپ بولىدۇ
ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىدە بومبىلىق جىلىتكە بايقالدى
ئامېرىكا ئاسىيادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما قۇرىدۇ
تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شېركىتى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ سۇرىيەگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى
سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئانناننىڭ 6 نۇقتىلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى
ئاۋسترالىيەنىڭ تېلېگراف تۈرى جۇڭگو شېركىتىنىڭ قاتنىشىشىنى چەكلىدى
پاكىستان سىياسىي ئۆزگىرىش دەۋرى بىلەن خوشلاشتىمۇ؟ (1)
ئابدۇللايېۋ ۋادى سېنېگال پىرىزدېنت سايلىمىدا مەغلۇپ بولدى
تۈركىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى لاھىيىسى ئىمزالىدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر
توربېكەت ھەققىدە بىزھەققىدەمۇلازىمەتلىرىمىزخېرىدارلىرىمىزئېلان بېرىڭھەمكارلىشىڭ

تور بېكەتنىڭ بارلىق نەشىر ھوقوقى رولچى ئۇيغۇر تورىغا مەنسۇپ

Copyright © 2010 - 2015 rolqi.cn. All Rights Reserved 版权所有偌利期综合网站

E_mail:rolqicn@sina.com 联系电话:13999084004 13899120664 QQ:345900349 رولچى توپ نومۇرى : 18591090

ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ (مەزمۇن پاش قىلىش ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى):13999084004

تور بېكىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەر قانداق تور ساھەسىدىكى تۈر بۇيىچە ھەمكارلاشقۇچىلارنى قارشى ئالىمىز!

رولچى تورى تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

备案号码:新ICP备10001499号-1