جۇڭگو باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن ئىناق دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
ئۇنداقتا، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات ئىدىيەسى نەدىن كەلدى؟ دۇنيا جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش سەمىمىيىتىگە ئىشەنسە بولامدۇ؟ خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا زادى قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟ مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپچىلىك گۇمانلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرمەكچىمەن:
جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئاسماندىن چۈشمىگەن. جۇڭگونىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيەت تارىخى ئىناق مەدەنىيەت ۋە تىنچلىق ئىدىيەسىنى جۇڭگولۇقلارنىڭ قان-قېنىغا سىڭدۈرۈۋەتكەن. يېقىنقى زاماندا جۇڭگو چەت ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان بولۇپ، قايتىدىن مۇستەقىل بولغان ۋە ئازادلىققا ئېرىشكەن جۇڭگو خەلقى ئۆزى تارتقان بۇ ئېغىر ئازابلارنى باشقىلارغا تېڭىشنى خالىمايدۇ.
جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىنى ئاز ساندىكى كىشىلەر كۇتۇپخانىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزى بىلگەنچە ئويلاپ تاپقان ئەمەس. بۇ يول جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئىزدىنىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن جانلىق رېئاللىقتۇر. تىنچ تەرەققىيات جۇڭگونى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە دۇنياغا زور بەخت ئاتا قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇنداق يولنى ئۆزگەرتىشكە بىزنىڭ ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق.
جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى جاكارلىشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ٪20 ىنى ئىگىلەيدىغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنى باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك مۈشكۈل ئەمما ئۇلۇغۋار ئىش بولۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان خەلقئارا مۇھىتقا ھەم دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۆزئارا دوستانە ئۆتۈشكە موھتاج.
جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى جاكارلىشى چەت ئەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلمايدۇ. دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىۋاتقان، ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان، ئىجتىمائىي ئۇچۇرلىشىش تەرەققىي قىلىۋاتقان، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا بىر-بىرىگە تايىنىۋاتقان، پايدا-مەنپەئەت ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىگە ئايلىنىۋاتقان، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا مەسىلىلەر ۋە ئورتاق خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقاندا، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق ھەمكارلىشىپ، خىرىسلارغا بىر نىيەتتە تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىزگە باشقا يول يوق شۇنداقلا باشقا يولغا مېڭىشقىمۇ بولمايدۇ. جۇڭگو ھەرگىزمۇ تارىخ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلمايدۇ، «كۈچلۈك دۆلەت مۇشتۇمزور بولىدىغان» كونا يولغا ھەرگىز ماڭمايدۇ. بۇ ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيانلىق.
جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى جاكارلىشى ئېغىزدىلا دەپ قويغان قۇرۇق گەپ ئەمەس. تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش جۇڭگودىكى پارتىيە، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسىگە ئايلانغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا تەپسىلىي كىرگۈزۈلۈپ، ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ۋە تاشقى مۇناسىۋىتىدە نامايان بولدى. ئۇ مۇستەھكەم دۆلەت سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيە ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ دېگىنى بىلەن قىلغىنى بىردەك بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئىچكى جەھەتتە ئىناقلىق ۋە تەرەققىياتقا ئېھتىياجلىق بولسا، تاشقى جەھەتتە تىنچلىق ۋە ھەمكارلىققا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئىچكى-تاشقى ئىستراتېگىيەنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدۇر.
جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا موھتاج. جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئۇزاقتىن بۇيان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىشىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھېسداشلىقى، چۈشىنىشى، قوللىشى ۋە ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى دۇنياغا تەھدىت ئەمەس بەلكى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش سەمىمىيىتىگە ۋە نىيىتىگە ئىشىنىشىنى،جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا توسقۇنلۇق قىلماستىن، بەلكى ئۇنى ئالقىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
























