جۇڭگو ئاخبارات ئاگىنىتلىقى ۋاشىنگىتون 3-ئۆكتەبىر تىلگىراممىسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 3-ئۆكتەبىر تەرتىپ خارەكتىرلىك بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسپىتگە قارىتا بىر پارچە تەكلىپ لاھىيىسىنى ماقۇللىدى.بۇ تەكلىپ لاھىيىسى 19 غا قارشى 79 ئاۋاز نەتىجىسى بىلەن ماقۇللاندى.قارار نامى<<2010-يىللىق پۇل پېرېۋوت نىسپىتىنى نازارەت قىلىپ ئۆزگەرتىش تەكلىپ لاھىيىسى>> بولۇپ،تەكلىپتە ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مېنىستىرلىقىدىن ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېكىسپورتىغا جازالاش خارەكتىرلىق تولۇقلىما بېجى بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە مەزكۈر دۆلەتنىڭ پېرېۋوت نىسپىتىنى باھالاش ئەھۋالىنى ئويلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.
بۇ قانۇن لايىھەسى ئاتالمىش پۇل تەڭپۇڭسىزلىقىنى باھانە قىلىپ، پېرېۋوت نىسبىتى مەسىلىسىنى يەنىمۇ دەرىجىگە كۆتۈرۈپ، سودا قورۇقچىلىقى تەدبىرى قوللىنىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى. بۇ قانۇن لايىھەسى پېرېۋوت نىسبىتى بىلەن سودا تولۇقلىمىسىنى باغلاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئاساسلىق سودا شېرىكىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇل قىممىتىنى چۈشۈرگەن چۈشۈرمىگەنلىكىنى ھەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېكىسپورتىغا تولۇقلىما بېرىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. چەتئەل جامائەتچىلىكى ئومۇميۈزلۈك ھالدا: ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇنداق قىلىشى ئاساسلىقى جۇڭگوغا قارىتىلغان بولۇپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تېز سۈرئەتتە ئۆستۈرۈشكە مەجبۇرلاشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قارىدى.
ئامېرىكىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش تەرتىپىگە ئاساسلانغاندا،ئەگەر بىر تۈرلۈك تەكلىپ بەشتىن ئۈچ قىسىمدىن كۆپرەك ئاۋازغا ئېرىشەلىسە،يەنى 60 ئاۋاز قوللىسا ئۇنداقتا كېڭەش پالاتاسى مۇنازىرىنى ئاياقلاشتۇرۇپ،تەكلىپ پارلامىنىتنىڭ قارار چىقىرىشىغا سۇنۇلىدۇ.3-ئۆكتەبىر تەرتىپ خارەكتىرلىك بېلەت تاشلاشتىن كېيىن،مۆلچەرچە ،كېڭەش پالاتاسى مۇشۇ ھەپتە كەچتە پارلامىنتنىڭ قارار چىقىرىش يىغىنىنى ئاچىدۇ.





















