ئويۇنلار رەسىملەر چولپانلار ئىتوتلار ناخشىلار MTV كىنولار خەۋەر مەركىزى باش بەت
 
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلىقئارا >> يازما كۈرۈش >> 5 قېتىم كۈرۈلدى

ئىسرائىلىيە ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يەھۇدىيلار مەھەلىسىنى كېڭەيتتى

     [ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، يېرۇسالىم، 27-سېنتەبىر خەۋىرى] ئىسرائىلىيە بۈگۈن شەرقىي يېرۇسالىمدا يېڭىدىن 1100 يۈرۈش يەھۇدىيلار ئولتۇراق ئۆيى سېلىشنى تەستىقلىدى. زۇڭلى نېتانياخۇ يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇشنى توختىتىش ئېھتىماللىقىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقارغاچقا، پەلەستىن ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنۇپ ئەسلىدىنلا كەسكىن بولۇۋاتقان ئىسرائىلىيە پەلەستىن مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.
    بۇ بايانات ناھايىتى تېزلا پەلەستىننىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. پەلەستىن: شەرقىي يېرۇسالىم كەلگۈسىدىكى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پايتەختى، دېدى. ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ يۇقىرىقى قارارىدىن ئەپسۇسلاندى.
    ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى ۋاشىنگتوندا: ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ باياناتى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈش تىرىشچانلىقىغا ئەكسىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېدى.
    پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي يېرۇسالىم ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رايوندا مەھەللە قۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشنى تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ رايوننى ئىسرائىلىيە 1967-يىلى يۈز بەرگەن ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان.
   نېتانياخۇ بۈگۈن يەھۇدىيلار مەھەلىسى قۇرۇلۇشىنى توختىتىش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقاردى. نېتانياخۇ: بۇلتۇر يولغا قويۇلغان 10 ئايلىق يېڭى مەھەللە قۇرۇشنى توختىتىش پىلانىنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى، دەپ قارىدى.
   يېرۇسالىم شەھەر مەمۇرىيىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ماگارىت: بۇ شەھەرنىڭ ئەمەلدارى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىلا شەرقىي يېرۇسالىمدىكى جىلودا يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىغان، دېدى. ماگارىت: ئىسرائىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، بۇركۈت گۇرۇھىپەرەس شاس پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ئېللى ئىشاي پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇش سىياسىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، مۇشۇنداق مەزگىلدە بۇ پىلاننى قەستەن تەستىقلىغاندەك قىلىدۇ، دېدى.
   پەلەستىننىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى ئېرىكات: ئىسرائىلىيەنىڭ مۇشۇنداق قارار چىقارغانلىقى ئۇنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى «1100 قېتىم رەت قىلغانلىقى» بولىدۇ، دېدى. ئېرىكات ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ يېقىن ھەم ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىنى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە ھەم پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى قوللاشقا دەۋەت قىلدى. ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە پەلەستىن زېمىنىدا يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشنى ئۇزاقتىن بۇيان مۇراجىئەت قىلىپ كەلدى. لېكىن ئامېرىكا يەنە: ب د ت پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان سورۇن ئەمەس، دېدى.
   [ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى تور بېكىتىنىڭ 28-سېنتەبىر خەۋىرى] ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى ئىسرائىلىيە مەسئۇل دائىرىلىرىنى ئىشغال قىلىنغان شەرقىي يېرۇسالىمدا يەھۇدىيلار مەھەللە قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتتى، دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇ: ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرىدىن ساقلىنىشى كېرەك، دېدى.
   [گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 28-سېنتەبىر خەۋىرى] رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى بۈگۈن: رۇسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي يېرۇسالىمدا يېڭىدىن 1100 يۈرۈش يەھۇدىيلار ئولتۇراق ئۆيى سالماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن «ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ»، دېدى.
    [فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28-سېنتەبىر خەۋىرى] جۇڭگو بۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي يېرۇسالىمدا يېڭىدىن يەھۇدىيلار ئولتۇراق ئۆيى سالماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن «قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقى»نى بىلدۈردى ھەم ئىسرائىلىيەگە سوغۇققانلىق بىلەن ئىش قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
     جۇگگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: جۇڭگو ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي يېرۇسالىمدا يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى كېڭەيتىپ قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدۇ ھەم ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ، دېدى.
خەۋەر يوللانغان ۋاقىت :
35:13 04-10-2011
خەۋەر يوللىغۇچى :
رولچى تورى
ئەڭ ئاۋات خەۋەرلەر

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يالغۇز چارلاشقا چىقىپ قالغان رۇسىيە ئوفىتسېرى توساتتىن رۇسىيىنىڭ بىر يېزى ..

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى
مەرھۇم سادام راستىنلا كۇردلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرىۋەتكەنمۇ
ۋەھشى تالىبانلارنىڭ پاكىستان ئەسىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارلىدى
يەھۇدىيلار ئامېرىكىدا نېمىشقا شۇنچە تېرىسىگە پاتمايدۇ
ئامېرىكا جۇڭگونى «ئەڭ چوڭ دۈشمەن » دېدى
ئاۋىستىرالىيە زۇڭلىسى نامايىشچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىندى
ئىران سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرال -ياراق بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
ئىراننىڭ بىر ئايال چولپىنى فىرانسىيەنىڭ ژورنىلىغا يالىڭاچ رەسىمگە چۈشۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئىرانغا قايتىشى چەكلەندى
تۈركىيە 100 دانە F-35 كۆرەشچى ئايروپىلانى سېتىۋالماقچى
دادىسى توققۇز يىل مۇنچىغا سولاپ قويغان پەلەستىنلىك قىز
پاكىستاندا نۇرغۇنلىغان يۈرەك كېلىسى بىمارلىرى دورا رېئاكسىيە قىلىپ قازا قىلدى
ئاففانىستاندىكى نامايىشچىلار ھەرىكىتى ئەۋج ئالدى
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يىگىت ئامېرىكا ئايرۇپىلانىدا بىنلادىنغا مۇناسىۋەتلىك ناخشا ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەندى
ساھىبجامالنىڭ ئاجايىپ گىرىم قىلىش ماھارىتىنى كۆرگەنمىدىڭىز
ئىران ۋەزىيىتى خەلقئار نېفىت باھاسىغا تەسىر يەتكۈزدى
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر
ئوباما لادېن ئېتىۋېتىلگەندىن كېيىن چاۋاك چالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
جۇڭگو، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىستراتېگىيەلىك ئويۇن ئوينىماقتا
جاستىننىڭ قىز دوستى سېلىنا ئەتىر ئېلانىغا رەسىمگە چۈشتى
كولۇمبىيە ئارمىيىسى 32 نەپەر ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىۋەتتى
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق دېپلوماتى تۇتقۇن قىلىندى
قازاقىستان زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى مەغلۇپ قىلدى
ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتىدىكى بارلىق بازارلار ۋاقىتلىق تاقالدى
تۈركىيەنىڭ «ئالتاي» ناملىق تانكىسى 2015-يىلى ياسىلىپ بولىدۇ
ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىدە بومبىلىق جىلىتكە بايقالدى
ئامېرىكا ئاسىيادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما قۇرىدۇ
تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شېركىتى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ سۇرىيەگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى
سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئانناننىڭ 6 نۇقتىلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى
ئاۋسترالىيەنىڭ تېلېگراف تۈرى جۇڭگو شېركىتىنىڭ قاتنىشىشىنى چەكلىدى
پاكىستان سىياسىي ئۆزگىرىش دەۋرى بىلەن خوشلاشتىمۇ؟ (1)
ئابدۇللايېۋ ۋادى سېنېگال پىرىزدېنت سايلىمىدا مەغلۇپ بولدى
تۈركىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى لاھىيىسى ئىمزالىدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر
توربېكەت ھەققىدە بىزھەققىدەمۇلازىمەتلىرىمىزخېرىدارلىرىمىزئېلان بېرىڭھەمكارلىشىڭ

تور بېكەتنىڭ بارلىق نەشىر ھوقوقى رولچى ئۇيغۇر تورىغا مەنسۇپ

Copyright © 2010 - 2015 rolqi.cn. All Rights Reserved 版权所有偌利期综合网站

E_mail:rolqicn@sina.com 联系电话:13999084004 13899120664 QQ:345900349 رولچى توپ نومۇرى : 18591090

ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ (مەزمۇن پاش قىلىش ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى):13999084004

تور بېكىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەر قانداق تور ساھەسىدىكى تۈر بۇيىچە ھەمكارلاشقۇچىلارنى قارشى ئالىمىز!

رولچى تورى تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

备案号码:新ICP备10001499号-1