ئويۇنلار رەسىملەر چولپانلار ئىتوتلار ناخشىلار MTV كىنولار خەۋەر مەركىزى باش بەت
 
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلىقئارا >> يازما كۈرۈش >> 11 قېتىم كۈرۈلدى

لىۋىيە ئەمەلدارى: «كازافى غادامىسقا مۆكۈنۈۋالدى»

   [رېيتېر ئاگېنتلىقى، لوندون، 28-سېنتەبىر خەۋىرى] لىۋىيەنىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارى: ئىگىلىنىشىچە، كازافى ئالجىرىيە چېگراسىغا يېقىن غادامىستا بولۇپ، شۇ جايدىكى تۇئارېگ قەبىلىسى ئۇنى قوغداۋېتىپتۇ، دېدى.
     لىۋىيە يېڭى ھاكىمىيىتىنىڭ ئالىي ئوفىتسېرى ھىسام بۇھەجەر مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفوندىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: تۇئارېگ دەيدىغان بىر قەبىلە ھېلىھەم كازافىنى قوللاۋاتىدۇ. بەزىلەر ئۇنى جەنۇبتىكى غادامىس رايونىدا، دەپ قاراۋاتىدۇ، دېدى.
    ئۇ: كازافىنىڭ ئوغلى سەئىف ئىسلام ھازىر بەنى ۋەلىدتە بولۇپ يەنە بىر ئوغلى مۇتەھىم كازافىنىڭ يۇرتى سۇرتقا يوشۇرۇنغان. بۇھەجەر: ئۇلار لىۋىيەدىن كېتىپ، نىگېرغا قېچىپ بېرىشى مۇمكىن، دېدى.
    [رېيتېر ئاگېنتلىقى، قاھىرە، 27-سېنتەبىر خەۋىرى] بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۈگۈن 20-سېنتەبىر يېڭىدىن سىنغا ئېلىنغان سىن لېنتىسى كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا كازافىنىڭ 2-ئوغلى سەئىف ئىسلام ئاخىرقى ئىستىھكاملارنىڭ بىرىدە ئارمىيەنى سەپەرۋەر قىلىۋاتقان ئىكەن.
    سۇرىيە «جامائەت پىكرى» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆرسەتكەن كۆرۈنۈشتە، سەئىف ئىسلام قوللىغۇچىلىرىغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنى، ئۇنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە ھەرگىز بولمايدۇ»، دېگەن.
    8-ئايدا، لىۋىيە پايتەختى تىرىپولى ئۆكتچىلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، سەئىف ئاشكارا سورۇنلارغا چىقىپ باقمىغانىدى.
    [سەئۇدى ئەرەبىستان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 28-سېنتەبىر خەۋىرى] لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتىدىكى بىر ئەرباب: مەزكۈر كومىتېت لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى مەزكۈر كومىتېتنىڭ رەئسى ئابدۇل جەبرىئىل ئېيتقاندەك مۇشۇ شەنبە كۈنى جاكارلىماستىن بەلكى پۈتۈن مەملىكەت ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن جاكارلىماقچى، يېڭى قارار ئىككى كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ، دېدى.
    بۇ ئەرباب: مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى بېنغازىدا ئىككى كۈن مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن ھۆكۈمەتنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى لىۋىيە پۈتۈنلەي ئازاد بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. 
    [فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بەنى ۋەلىد(لىۋىيە)، 28-سېنتەبىر خەۋىرى] كازافىغا قارشى قوراللىق قىسىم بۈگۈن بەنى ۋەلىدتە كازافى قالدۇق كۈچلىرىنىڭ زەمبىرەك قايتۇرما زەربىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ش ئا ئە ت دىن ياردەم سورىدى. بەنى ۋەلىد لىۋىيەنىڭ قوغلاپ چىقىرىلغان بۇ سابىق رەھبىرىنىڭ ئاخىرقى ئىستىھكاملىرىنىڭ بىرى.
    مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتنىڭ جەڭگاھ قوماندانى ۋەلىد ھەمىييى مۇنداق دېدى: كازافىغا سادىق قوشۇن دەھشەتلىك قايتۇرما زەربە بەردى، مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتنىڭ جەڭچىلىرى بۇ قۇملۇق شەھىرىدە ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. 
      ئۇ: ش ئا ئە ت نىڭ تېخىمۇ كۆپ ياردىمىگە موھتاجمىز، دېدى.
خەۋەر يوللانغان ۋاقىت :
36:13 04-10-2011
خەۋەر يوللىغۇچى :
رولچى تورى
ئەڭ ئاۋات خەۋەرلەر

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يالغۇز چارلاشقا چىقىپ قالغان رۇسىيە ئوفىتسېرى توساتتىن رۇسىيىنىڭ بىر يېزى ..

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى
مەرھۇم سادام راستىنلا كۇردلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرىۋەتكەنمۇ
ۋەھشى تالىبانلارنىڭ پاكىستان ئەسىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارلىدى
يەھۇدىيلار ئامېرىكىدا نېمىشقا شۇنچە تېرىسىگە پاتمايدۇ
ئامېرىكا جۇڭگونى «ئەڭ چوڭ دۈشمەن » دېدى
ئاۋىستىرالىيە زۇڭلىسى نامايىشچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىندى
ئىران سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرال -ياراق بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
ئىراننىڭ بىر ئايال چولپىنى فىرانسىيەنىڭ ژورنىلىغا يالىڭاچ رەسىمگە چۈشۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئىرانغا قايتىشى چەكلەندى
تۈركىيە 100 دانە F-35 كۆرەشچى ئايروپىلانى سېتىۋالماقچى
دادىسى توققۇز يىل مۇنچىغا سولاپ قويغان پەلەستىنلىك قىز
پاكىستاندا نۇرغۇنلىغان يۈرەك كېلىسى بىمارلىرى دورا رېئاكسىيە قىلىپ قازا قىلدى
ئاففانىستاندىكى نامايىشچىلار ھەرىكىتى ئەۋج ئالدى
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يىگىت ئامېرىكا ئايرۇپىلانىدا بىنلادىنغا مۇناسىۋەتلىك ناخشا ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەندى
ساھىبجامالنىڭ ئاجايىپ گىرىم قىلىش ماھارىتىنى كۆرگەنمىدىڭىز
ئىران ۋەزىيىتى خەلقئار نېفىت باھاسىغا تەسىر يەتكۈزدى
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر
ئوباما لادېن ئېتىۋېتىلگەندىن كېيىن چاۋاك چالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
جۇڭگو، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىستراتېگىيەلىك ئويۇن ئوينىماقتا
جاستىننىڭ قىز دوستى سېلىنا ئەتىر ئېلانىغا رەسىمگە چۈشتى
كولۇمبىيە ئارمىيىسى 32 نەپەر ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىۋەتتى
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق دېپلوماتى تۇتقۇن قىلىندى
قازاقىستان زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى مەغلۇپ قىلدى
ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتىدىكى بارلىق بازارلار ۋاقىتلىق تاقالدى
تۈركىيەنىڭ «ئالتاي» ناملىق تانكىسى 2015-يىلى ياسىلىپ بولىدۇ
ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىدە بومبىلىق جىلىتكە بايقالدى
ئامېرىكا ئاسىيادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما قۇرىدۇ
تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شېركىتى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ سۇرىيەگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى
سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئانناننىڭ 6 نۇقتىلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى
ئاۋسترالىيەنىڭ تېلېگراف تۈرى جۇڭگو شېركىتىنىڭ قاتنىشىشىنى چەكلىدى
پاكىستان سىياسىي ئۆزگىرىش دەۋرى بىلەن خوشلاشتىمۇ؟ (1)
ئابدۇللايېۋ ۋادى سېنېگال پىرىزدېنت سايلىمىدا مەغلۇپ بولدى
تۈركىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى لاھىيىسى ئىمزالىدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر
توربېكەت ھەققىدە بىزھەققىدەمۇلازىمەتلىرىمىزخېرىدارلىرىمىزئېلان بېرىڭھەمكارلىشىڭ

تور بېكەتنىڭ بارلىق نەشىر ھوقوقى رولچى ئۇيغۇر تورىغا مەنسۇپ

Copyright © 2010 - 2015 rolqi.cn. All Rights Reserved 版权所有偌利期综合网站

E_mail:rolqicn@sina.com 联系电话:13999084004 13899120664 QQ:345900349 رولچى توپ نومۇرى : 18591090

ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ (مەزمۇن پاش قىلىش ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى):13999084004

تور بېكىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەر قانداق تور ساھەسىدىكى تۈر بۇيىچە ھەمكارلاشقۇچىلارنى قارشى ئالىمىز!

رولچى تورى تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

备案号码:新ICP备10001499号-1