
گەرچە ئىبرايىمىۋېچ قايتا مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق AC مىلان يەنىلا يوۋېنتوسقا تاقابىل تۇرغىدەك مۇكەممەل سەپ شەكلىگە ئىگە بولمىدى، AC مىلان كولۇبى يېقىندا ئۆزىنىڭ تورىدا ئاساسلىق ئوڭ بېك ئاباتنىڭ مۇسكۇلىنىڭ تارتىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى، ئۆتكەنكى ئىككى كۈندە ئۇ ئۆزى يالغۇز مەشىق قىلغان، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە كولۇب ئۇنىڭ يارا ئەھۋالىنى قايتا تەكشۈرىدىكەن. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى ئابات ھەپتە ئاخىردىكى يۇۋېنتوس بىلەن بولىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ.
ئابات بولسا پېيېرسىن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يارىلانغان، ئەمەلىيەتتە مۇسابىقىدىن بۇرۇنلا ئۇنىڭ يارىلىنىش ئالامەتلىرى بارئىدى، تايىۋو مەيدانغا چىقىشقا تەييارلانغان بولسىمۇ،بىراق ئۇ مەيدان مۇسابىقىدە AC مىلان چوقۇم ئۇتمىسا بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئابات يەنىلا مەيدانغا چۈشىۋەردى، گەرچە مۇسابىقە ۋەزىيىتى مۇقىملاشقاندىن كېيىن مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئېغىر يارىدار بولدى. ھازىر ئىككى يان مۇداپىئەدە ئالېگرېنىڭ مۇنداق ئىككى خىل تاللىشى بار، ھەپتە ئارىلىقىدىكى مۇسابىقىدە ئارام ئالغان زامبولاتا چوقۇم دەسلەپتە مەيدانغا چۈشىدۇ، يەنە بىر مۇداپىئە ئورنىدا بولسا ئانتونى بىلەن تايىۋو ئىككىسىنىڭ بىرسى تۇرىدۇ، ئالدىنقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە تايىۋو بىر ئاز جىددىيلەشكەنلىكى ئۈچۈن، ئانتونىنىڭ دەسلەپتە مەيدانغا چۈشۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى.
AC مىلان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، خوش خەۋەر بولسا ئامبروسىنى، بوئاتىڭ، مېكس قاتارلىق توپچىلار كوماندا بىلەن نورمال مەشىققە قاتنىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مېكسىنىڭ مۇسابىقە ئوينىمىغىنىغا ئۇزۇن بولدى، يەنە داۋاملىق مەشىق قىلىشى كېرەك، ئامبروسى بىلەن بو ئاتىڭنىڭ مەيدانغا چىقىش

ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئەمەس.





















