[جۇڭگو ئوبزور ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گېڭ يەنشېڭ 28-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش پەيدا قىلىدىغان ئېغىر خەۋپ جۇڭگو-ئامېرىكا ئارمىيەلىرىنىڭ پىلانىدىكى بەزى يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىلەر، بىرلەشمە مانېۋىرلار ۋە چوڭ-چوڭ پائالىيەتلەرگە مۇقەررەر تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېدى.
گېڭ يەنشېڭ: جۇڭگو ئارمىيەسى بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بەرگەنلىكىدىن قاتتىق غەزەپلەندى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇردى. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى ماللوننىڭ ئىلتىماسى بويىچە، باش ئىشتاب باشلىقى چېن بىڭدې 23-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ماللون بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى. ماللون ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئاقلىدى، چېن بىڭدې جۇڭگونىڭ مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى، دېدى.
گېڭ يەنشېڭ: بىز ئامېرىكىنىڭ دەرھال ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىگە كەلتۈرگەن ئېغىر زىياننى تۈگىتىپ، تەيۋەن مەسىلىسىدە جۇڭگوغا بەرگەن كەسكىن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى توختىتىشنى كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز، دېدى.
جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جيېچى ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى ھىلارى بىلەن كۆرۈشكەندە: «جۇڭگو ئامېرىكىدىن جۇڭگونىڭ قاتتىق مەيدانىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىدىغان خاتا ئۇسۇلىنى تۈزىتىپ، يۇقىرىقى خاتا قارارىنى دەرھال بىكار قىلىپ، يامان تەسىرنى تۈگىتىپ، تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش ۋە ئامېرىكا-تەيۋەن ھەربىي ئالاقىسىنى توختىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قوغدىشىنى تەلەپ قىلىدۇ»، دېدى.
ئامېرىكا 21-سېنتەبىر تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىدىغان يېڭى لايىھەسىنى رەسمىي ئېلان قىلغان بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى ئارقا-ئارقىدىن ئامېرىكىغا بۇنىڭدىن «قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بەزى قوماندانلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن «ماھىيەتلىك ئۆچ ئالىدىغان» ھەرىكەت قوللىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
[ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 28-سېنتەبىر خەۋىرى] ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: ئامېرىكا تەيۋەنگە يېڭىدىن قورال-ياراغ سېتىپ بەرمەكچى بولۇۋاتقاچقا، جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بولغان بەزى ھەربىي ئالاقە تۈرلىرىنى توختىتىشى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ، ھەربىي مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھەربىي ئالاقە پىلانىدىكى بەزى پائالىيەتلەر ھامان ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ، ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، دېدى.
ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ يېڭى سودىنى پارلامېنتقا ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئادەت بويىچە ئاغزاكى ئېتىراز بىلدۈردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسىنى،دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە ھەربىي ئەمەلدارىنى چاقىرتىپ، ئۇلارغا ھەربىي ئالاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا بىردەك ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.