[فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 28-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] بۈگۈنكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى تۇنجى قېتىملىق سىناقتا مەغلۇپ بولۇپ، قويۇپ بېرىش رايونىغا چۈشكەن. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تەتقىق قىلىپ ياساش دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىدى.
رۇسىيە ئاخبارات ئورگىنى ئېلان قىلغان سىناقنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەر يۈزىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تۇنجى قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا رۇسىيەنىڭ شىمالىدىكى پلېسېتسك سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش بازىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن.
بىر ھەربىي خەۋەردار ئەرباب رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: «بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، قويۇپ بېرىش بازىسىغا چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، تالاپەت ياكى زىيان كۆرۈلمىدى»، دېدى.
خەلقئارا يېزىقلىق تېلېگراف ئاگېنتلىقى خەۋەردار ئەربابنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 2-ئۈگىسىدىن چاتاق چىققاچقا، سىناق مەغلۇپ بولدى(بۇ ھادىسە 27-سېنتەبىر يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئېلان قىلىنمىغان)، دېدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خەلقئارا يېزىقلىق تېلېگراف ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى دەلىللەپ: پلېسېتسكتا ئالدىنقى كۈنى «يېڭى تىپتىكى راكېتا تېخنىكىسى» سىناق قىلىندى، دېدى، لېكىن تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىدى.
ھەربىي خەۋەردار ئەرباب ئاخبارات ئورگىنىغا: «بۇ، بۇ راكېتانىڭ تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىلىشى، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئوق بېشى سەپلەنگەن بولۇپ، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشتەك بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە»، دېدى.
ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى بۇزۇپ ئۆتەلەيدىغان بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مەخپىي تەتقىق قىلىپ ياساش رۇسىيە-ئامېرىكا ئارىسىدا جىددىي تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى. چۈنكى ئامېرىكا شەرقىي ياۋروپادا مۇشۇنداق سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.
رۇسىيەنىڭ چۆكمە پاراخوتى «براۋا» ناملىق قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بەرگەندە بىرمۇنچە ھادىسە كۆرۈلگەندىن كېيىن، بۇ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشنىڭ مەغلۇپ بولۇشى رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك راكېتا قىسىمى ئۇچرىغان يېڭى ئوڭۇشسىزلىق ھېسابلىنىدۇ.
رۇسىيە ھازىرغىچە «براۋا» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى 16 قېتىم سىناق قىلغان بولۇپ، يەتتە قېتىملىقى مەغلۇپ بولدى.