
ھىندىستان پۇتبولچىلىغى ئاسىيادا ئاساسەن تېلغا ئىلىنمايدۇ
ئانىلىكا جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە قوشۇلغاندا،نۇرغۇن كىشىلەر جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنى «ياشانغانلار ساناتورىيسى» گە ئايلىنىپ قالدى دەپ مەسخىرە قىلىشقاندى.بىراق بۇ قىتىم ھىندىستانمۇ بۇ سەپكە قوشۇلدى.ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە كۆرە ئالدىمىزدىكى يىڭى پەسىللىك ھىندىستان دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقە مەيدانىدا كاناۋالو،كېرىسپو،ئوكىچا،سولىن،فۇلىن،مولىنتېس قاتارلىق ئىلگىركى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.
ھىندىستان پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يىقىندا بۇ دۆلەتنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىگە ئۆزگەرتكەن بولۇپ،جەمئى ئالتە كوماندا بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.مۇسابىقە 2-ئاينىڭ 25-كۈنى باشلىنىپ،7 ھەپتە داۋاملىشىدىكەن.ھىندىستان پۇتبۇلچىلىغى ئاسىيادا ناھايىتى ئاجىز ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ،سەۋيىسىمۇ ناھايىتى تۆۋەن،ھىندىستان بىرلەشمىسىدىن ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھتىگە ئىگە بىرمۇ كوماندا يوق،ئۇلار پەقەت ئاسىيا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن مۇسابىقىلەرگىلا قاتنىشىدۇ.
بىراق بۇ ئەھۋاللار پات ئارىدا ئاخىرلاشماقچى،ھىندىستان پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىمۇ تۈزۈلمىلەرنى ئۆزگەرتىپ،دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىنى يولغا قويدى.كاناۋالو ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا:«مەن ھىندىستان بىرلەشمىسىدە توپ ئوينىماقچى» دىدى،بۇنىڭدىن باشقا ئارگىنتىنا كوماندسىنىڭ سابىق كاپىتانى كېرىسپومۇ ئۆزىنىڭ ھىدسىتانغا بىرىپ توپ ئوينايدىغانلىغىنى ئىلان قىلدى.بۇ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاندىن باشقا،نىگىريىلىك سابىق پۇتبول چولپىنى ئوكىچا،ئارسىنال ۋە لېۋىرپول كۇلۇپلىرىدىن چىكىنگەن پىلى ۋە فۇلى،مولۇنتېس قاتارلىقلارمۇ ھىندىستان بىرلەشمىسىگە قوشۇلماقچى.قارىغاندا ھىندىستانمۇ پۇتبول ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بىرىشنى باشلىغان ئوخشايدۇ.

























