ئويۇنلار رەسىملەر چولپانلار ئىتوتلار ناخشىلار MTV كىنولار خەۋەر مەركىزى باش بەت
 
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلىقئارا >> يازما كۈرۈش >> 361 قېتىم كۈرۈلدى

جۇڭگو ئىراندىن ئىمپورت قىلىنىدىغان نېفىت مىقدارىنى ئازايتتى

جۇڭگو ئىراندىن ئىمپورت قىلىنىدىغان نېفىت مىقدارىنى ئازايتتى

  قىزىل بايراق ھەربىي ئىشلار تورىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو فېۋرالدا ئۇدا ئىككىنچى قېتىم ئىران خام نېفىت ئىمپورت مىقدارىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولغان بولۇپ، ئىراننىڭ بۇندىن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان خەلقئارا جازالاش سىياسىتىگە دۇچ كېلىشى بىلەن، جۇڭگو-ئىران ئىككى تەرەپ چىقىم بەلگىلىمىلىرى مەسىلىسىدىكى ھەل قىلىنمىغان ئىختىلاپلار بۇ قارارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. بېيجىڭدىكى ئىران خام نېفىتى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو فېۋرالدىمۇ، يانۋاردىكىگە ئوخشاشلا ئىران خام نېفىت ئىمپورت مىقدارىنى تەڭ نىسبەتتە تۆۋەنلىتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يانۋاردا ئەسلىدىكى ئىراندىن ئىمپورت قىلىنىدىغان خام نېفىت مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئازايتقان بولۇپ، مۇخبىر يەنە بىر نېفىت سودىگىرىدىن يانۋارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىككى تەرەپنىڭ تەمىنلەش توختامى ئىمزالاش ئېھتىمالىقى بار-يوقلۇقى سورىغاندا، ئۇ بۇنداق ئېھتىماللىقنىڭ يوقلۇقىنى، ئادەتتە يانۋارنىڭ ئوتتۇرىلىرىنىڭ 2-ئايدىكى يۈك قاچىلاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئىگىلىنىشىچە، ئىران جۇڭگونى ئىزچىل ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئىمپورت دۆلىتى دەپ قارايدىكەن.

  18-يانۋار دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇڭ لېي ئامېرىكىنىڭ ئىراننى جازالاش چارىسى ھەققىدە توختىلىپ:«جۇڭگو دۆلەت قانۇنىنى خەلقئارا قانۇندىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ھە دېسىلا باشقا دۆلەتلەرگە تاق يۆنىلىشلىك جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويىدىغان قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېگەن، ئەمما خۇڭ لېينىڭ بۇ سۆزى بىلەنلا تاراتقۇلار جۇڭگو ئىراندىن ئىمپورت قىلىنىدىغان خام نېفىت مىقدارىنىڭ  يېرىمىدىن ئارتۇقىنى ئازايتتى، دېگەن خەۋەرنى تارقىتىشقا باشلىغان.

  ئىران يادرو مەسىلىسىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەلىپىگە ئىتائەت قىلمىغانلىقتىن، ئامېرىكا ئىراننىڭ جان تومۇرى بولغان نېفىت سانائىتىگە قارىتا ئىمبارگو سىياسىتى يۈرگۈزگەن. ئامېرىكا پرىزدېنتى ئوباما ئالدىنقى ھەپتە ئىران مەركىزىي بانكىسى بىلەن سودا ئالاقىسى ئېلىپ بارغان ھەر قانداق ئىقتىسادىي تەشكىلاتقا قارىتا تېگىشلىك جازا يۈرگۈزىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەزمۇنلاردىن تەشكىل تاپقان يېڭى جازالاش لايىھىسىنى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى ئازايتىش ئارقىلىق، ئىران يادرو پىلانىنى توختىتىش ئۈچۈن يولغا قويغان ئەڭ يېڭى چارىسى ھېسابلىنىدىكەن.

  ئامېرىكىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى ۋە كۈشكۈرتىشى ئارقىسىدا، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى ئىراننى جازالاشتا بىردەك پىكىر ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئوباما ئىراننى جازالاشتىكى يېڭى تەدبىرىنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىمۇ ئىرانغا نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈشتە، پرىنسىپ جەھەتتە ئورتاق قاراش ھاسىل قىلغانلىقىنى، يانۋارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئىمبارگو سىياسىتىنى رەسمىي يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇندىن بۇرۇن، غەرب ئىمبارگو سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش-يۈرگۈزمەسلىك ھەققىدە كېڭەش ئېلىپ بېرىۋاتقاندىلا، ياپۇنىيە ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئىمبارگوسى تەلىپىنى رەت قىلغانلىقتىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىران مەسىلىسى ھەققىدە ئىختىلاپ كۆرۈلگەنىدى.

  ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارىتا نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈشى ۋە باشقا دۆلەتلىرىنى ئىران مەركىزىي بانكىسى بىلەن ئالاقە قىلىشىدىن توسۇشى قاتارلىق يېڭى-يېڭى جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن، ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا شەرق زىددىيىتى تېگىپلا كەتسە پارتلاپ كېتىدىغان ھەلقۇمغا بېرىپ قالغان. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىراننى جازالاشتىكى يېڭى تەدبىرىنى كۈچەپ يولغا قويۇۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، جۇڭگونىڭ ئىراندىن ئىمپورت قىلىنىدىغان نېفىت مىقدارىنى زور نىسبەتتە ئازايتىشى، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارىتا ئۇرۇش قوزغاش نىيىتى بارلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ ئىران نېفىتىگە بولغان بېقىنىشنىڭ بىر ئاز بولسىمۇ ئاجىزلىغانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى، جۇڭگونىڭ ئىران مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

خەۋەر يوللانغان ۋاقىت :
50:01 20-01-2012
خەۋەر يوللىغۇچى :
رولچى تورى
ئەڭ ئاۋات خەۋەرلەر

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يالغۇز چارلاشقا چىقىپ قالغان رۇسىيە ئوفىتسېرى توساتتىن رۇسىيىنىڭ بىر يېزى ..

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى
مەرھۇم سادام راستىنلا كۇردلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرىۋەتكەنمۇ
ۋەھشى تالىبانلارنىڭ پاكىستان ئەسىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارلىدى
يەھۇدىيلار ئامېرىكىدا نېمىشقا شۇنچە تېرىسىگە پاتمايدۇ
ئامېرىكا جۇڭگونى «ئەڭ چوڭ دۈشمەن » دېدى
ئاۋىستىرالىيە زۇڭلىسى نامايىشچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىندى
ئىران سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرال -ياراق بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
ئىراننىڭ بىر ئايال چولپىنى فىرانسىيەنىڭ ژورنىلىغا يالىڭاچ رەسىمگە چۈشۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئىرانغا قايتىشى چەكلەندى
تۈركىيە 100 دانە F-35 كۆرەشچى ئايروپىلانى سېتىۋالماقچى
دادىسى توققۇز يىل مۇنچىغا سولاپ قويغان پەلەستىنلىك قىز
پاكىستاندا نۇرغۇنلىغان يۈرەك كېلىسى بىمارلىرى دورا رېئاكسىيە قىلىپ قازا قىلدى
ئاففانىستاندىكى نامايىشچىلار ھەرىكىتى ئەۋج ئالدى
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يىگىت ئامېرىكا ئايرۇپىلانىدا بىنلادىنغا مۇناسىۋەتلىك ناخشا ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەندى
ساھىبجامالنىڭ ئاجايىپ گىرىم قىلىش ماھارىتىنى كۆرگەنمىدىڭىز
ئىران ۋەزىيىتى خەلقئار نېفىت باھاسىغا تەسىر يەتكۈزدى
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر
ئوباما لادېن ئېتىۋېتىلگەندىن كېيىن چاۋاك چالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
جۇڭگو، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىستراتېگىيەلىك ئويۇن ئوينىماقتا
جاستىننىڭ قىز دوستى سېلىنا ئەتىر ئېلانىغا رەسىمگە چۈشتى
كولۇمبىيە ئارمىيىسى 32 نەپەر ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىۋەتتى
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق دېپلوماتى تۇتقۇن قىلىندى
قازاقىستان زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى مەغلۇپ قىلدى
ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتىدىكى بارلىق بازارلار ۋاقىتلىق تاقالدى
تۈركىيەنىڭ «ئالتاي» ناملىق تانكىسى 2015-يىلى ياسىلىپ بولىدۇ
ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىدە بومبىلىق جىلىتكە بايقالدى
ئامېرىكا ئاسىيادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما قۇرىدۇ
تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شېركىتى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ سۇرىيەگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى
سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئانناننىڭ 6 نۇقتىلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى
ئاۋسترالىيەنىڭ تېلېگراف تۈرى جۇڭگو شېركىتىنىڭ قاتنىشىشىنى چەكلىدى
پاكىستان سىياسىي ئۆزگىرىش دەۋرى بىلەن خوشلاشتىمۇ؟ (1)
ئابدۇللايېۋ ۋادى سېنېگال پىرىزدېنت سايلىمىدا مەغلۇپ بولدى
تۈركىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى لاھىيىسى ئىمزالىدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر
توربېكەت ھەققىدە بىزھەققىدەمۇلازىمەتلىرىمىزخېرىدارلىرىمىزئېلان بېرىڭھەمكارلىشىڭ

تور بېكەتنىڭ بارلىق نەشىر ھوقوقى رولچى ئۇيغۇر تورىغا مەنسۇپ

Copyright © 2010 - 2015 rolqi.cn. All Rights Reserved 版权所有偌利期综合网站

E_mail:rolqicn@sina.com 联系电话:13999084004 13899120664 QQ:345900349 رولچى توپ نومۇرى : 18591090

ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ (مەزمۇن پاش قىلىش ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى):13999084004

تور بېكىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەر قانداق تور ساھەسىدىكى تۈر بۇيىچە ھەمكارلاشقۇچىلارنى قارشى ئالىمىز!

رولچى تورى تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

备案号码:新ICP备10001499号-1