ئويۇنلار رەسىملەر چولپانلار ئىتوتلار ناخشىلار MTV كىنولار خەۋەر مەركىزى باش بەت
 
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلىقئارا >> يازما كۈرۈش >> 434 قېتىم كۈرۈلدى

ئامېرىكا تاراتقۇسى: جۇڭگو بايلىرى ئامېرىكا ئۆي- زېمىن بازىرىنى جانلاندۇرىدۇ

ئامېرىكا فوربېس ئاخبارات تورىدا 17- يانۋار «جۇڭگو بايلىرى ئامېرىكا ئۆي- زېمىن كەسپىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلالامدۇ؟» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى، ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتتىكى ئۇچۇرلار مەبلەغ سالغۇچىلار مۆلچەرلىگەندەك ئۇنداق ئوسال بولمىدى. ئەمما مەن يېقىندا شياڭگاڭ ۋە سىنگاپورغا بارغاندا مۇنداق بىر قىزىقارلىق مەسىلىنى بايقىدىم، يەنى جۇڭگودىن ئىبارەت كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەتتىكى كاپىتال سىرتقا ئېقىۋېتىپتۇ.
شياڭگاڭ جۇڭگو قوينىغا قايتىپ كېلىشتىن ئىلگىرىلا، شياڭگاڭدىكى كاپىتال سىرتقا ئېقىشقا باشلىغانىدى. ئەمما ئەڭ ئوسال ئەھۋال يۈز بەرمەيدىغان كەلگۈسىنىڭ بارغانسېرى ئايدىڭلىشىشىغا ئەگىشىپ، چەتئەلگە ئېقىپ كەتكەن پۇللارنىڭ كاپىتالنىڭ قىسمى يەنە شياڭگاڭغا قايتىپ كەلدى. ئالدىنقى ئايدا، سىنگاپور چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سىنگاپورنىڭ ئۆي- زېمىن بازىرىغا مەبلەغ سېلىشتىكى قىيىنلىق دەرىجەسىنى ئاشۇردى، ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ مۇئەللىپكە ئېيتىشىچە، سىنگاپورنىڭ قانۇنىدا ئۆي- زېمىننىڭ باھاسى %30 تۆۋەنلەيدىكەن.
نېمىشقا پۇلدار جۇڭگولۇقلار پۇل- ماللىرىنى جۇڭگودىن يۆتكەپ چىقىپ كېتىشكە شۇنچە خۇشتار؟ بۇنى چۈشىنىش ئانچە تەس ئەمەس. راستىنى ئېيتقاندا تورغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش كېرەك، تور ئاشۇ پۇلدار جۇڭگولۇقلارغا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىنىڭ «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسىسىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىللىنويىز شتاتى پۇلدار بايلار ئامېرىكىدا سالغان مەبلىغى 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتسە، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا يېشىل كارتىسىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇئەللىپنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولغان ئاقىلانە چارە. بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرىدىغان مەبلەغگە ئېرىشىدۇ، پۇلدار جۇڭگولۇقلار بولسا تېخىمۇ بىخەتەر بولغان يەرنى تېپىپ، پۇل- ماللىرىنى ساقلىيالايدۇ.
جۇڭگو مالىيە ئىشلىرى كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە مەسلىھەتچىسى ياڭ ئەپەندى «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشتىكى پايدىسى كۆرۈنەرلىكتۇر. ئامېرىكىدا، مەبلەغ سالغۇچىلار زېمىن ۋە ئۆيىگە ئىگە بولالايدۇ، بۇلارنى يەنە پەرزەنتلىرىگە بېرىشكە بولىدۇ.
جۇڭگودىكى بىر بانكا ۋە خۇرۇن شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا بايقىلىشچە، جۇڭگودىكى مىليونېرلارنىڭ %60 تى بىر بولسا چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن، بىر بولسا چەتئەلگە چىقىشنى ئويلىشىۋاتقان. ئالدىنقى مالىيە يىلىدا، تەخمىنەن 3000 دەك جۇڭگولۇق باي ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىش يېشىل كارتىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، 2007- يىلىدىكى 270 كىشىگە سېلىشتۇرغاندا، يىلقىغا %83 لىك سۈرئەت بىلەن ئاشقان.
ئەمما ھازىر، ئامېرىكىدا نۇرغۇن نورمىدىن ئارتۇق ئۆي- زېمىن بار. جۇڭگودىكى كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىشى ۋە ئامېرىكىدىكى ئۆي- زېمىننى پۇل تۆلەپ قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقىنى يوقىتىش مەسىلىسى (2011- يىلى ئامېرىكىدا 2 مىليون 700 مىڭ پارچە ئۆي- زېمىننى پۇل تۆلەپ قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقىنى يوقىتىش ئىلتىماسى سۇنۇلغان) داۋاملىق كۆپەيمەكتە، بۇ ئىككى مەسىلىنى «تەڭرى قوشقان بىر جۈپلەر» دېيىشكە بولىدۇ.

خەۋەر يوللانغان ۋاقىت :
54:01 20-01-2012
خەۋەر يوللىغۇچى :
رولچى تورى
ئەڭ ئاۋات خەۋەرلەر

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يالغۇز چارلاشقا چىقىپ قالغان رۇسىيە ئوفىتسېرى توساتتىن رۇسىيىنىڭ بىر يېزى ..

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى

روس ئايالغا نىيىتىنى بۇزغان ئوفىتسېرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى
مەرھۇم سادام راستىنلا كۇردلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرىۋەتكەنمۇ
ۋەھشى تالىبانلارنىڭ پاكىستان ئەسىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارلىدى
يەھۇدىيلار ئامېرىكىدا نېمىشقا شۇنچە تېرىسىگە پاتمايدۇ
ئامېرىكا جۇڭگونى «ئەڭ چوڭ دۈشمەن » دېدى
ئاۋىستىرالىيە زۇڭلىسى نامايىشچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىندى
ئىران سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرال -ياراق بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
ئىراننىڭ بىر ئايال چولپىنى فىرانسىيەنىڭ ژورنىلىغا يالىڭاچ رەسىمگە چۈشۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئىرانغا قايتىشى چەكلەندى
تۈركىيە 100 دانە F-35 كۆرەشچى ئايروپىلانى سېتىۋالماقچى
دادىسى توققۇز يىل مۇنچىغا سولاپ قويغان پەلەستىنلىك قىز
پاكىستاندا نۇرغۇنلىغان يۈرەك كېلىسى بىمارلىرى دورا رېئاكسىيە قىلىپ قازا قىلدى
ئاففانىستاندىكى نامايىشچىلار ھەرىكىتى ئەۋج ئالدى
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يىگىت ئامېرىكا ئايرۇپىلانىدا بىنلادىنغا مۇناسىۋەتلىك ناخشا ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەندى
ساھىبجامالنىڭ ئاجايىپ گىرىم قىلىش ماھارىتىنى كۆرگەنمىدىڭىز
ئىران ۋەزىيىتى خەلقئار نېفىت باھاسىغا تەسىر يەتكۈزدى
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر
ئوباما لادېن ئېتىۋېتىلگەندىن كېيىن چاۋاك چالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
جۇڭگو، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىستراتېگىيەلىك ئويۇن ئوينىماقتا
جاستىننىڭ قىز دوستى سېلىنا ئەتىر ئېلانىغا رەسىمگە چۈشتى
كولۇمبىيە ئارمىيىسى 32 نەپەر ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىۋەتتى
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق دېپلوماتى تۇتقۇن قىلىندى
قازاقىستان زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى مەغلۇپ قىلدى
ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتىدىكى بارلىق بازارلار ۋاقىتلىق تاقالدى
تۈركىيەنىڭ «ئالتاي» ناملىق تانكىسى 2015-يىلى ياسىلىپ بولىدۇ
ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىدە بومبىلىق جىلىتكە بايقالدى
ئامېرىكا ئاسىيادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما قۇرىدۇ
تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شېركىتى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ سۇرىيەگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى
سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئانناننىڭ 6 نۇقتىلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى
ئاۋسترالىيەنىڭ تېلېگراف تۈرى جۇڭگو شېركىتىنىڭ قاتنىشىشىنى چەكلىدى
پاكىستان سىياسىي ئۆزگىرىش دەۋرى بىلەن خوشلاشتىمۇ؟ (1)
ئابدۇللايېۋ ۋادى سېنېگال پىرىزدېنت سايلىمىدا مەغلۇپ بولدى
تۈركىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى لاھىيىسى ئىمزالىدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر
توربېكەت ھەققىدە بىزھەققىدەمۇلازىمەتلىرىمىزخېرىدارلىرىمىزئېلان بېرىڭھەمكارلىشىڭ

تور بېكەتنىڭ بارلىق نەشىر ھوقوقى رولچى ئۇيغۇر تورىغا مەنسۇپ

Copyright © 2010 - 2015 rolqi.cn. All Rights Reserved 版权所有偌利期综合网站

E_mail:rolqicn@sina.com 联系电话:13999084004 13899120664 QQ:345900349 رولچى توپ نومۇرى : 18591090

ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ (مەزمۇن پاش قىلىش ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى):13999084004

تور بېكىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەر قانداق تور ساھەسىدىكى تۈر بۇيىچە ھەمكارلاشقۇچىلارنى قارشى ئالىمىز!

رولچى تورى تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

备案号码:新ICP备10001499号-1