[ئامېرىكا «دۆلەت مۇداپىئە خەۋەرلىرى» ھەپتىلىك ژۇرنىلى 27-سېنتەبىر خەۋىرى] ئامېرىكا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئىلغار سۇ ئۈستى پاراخوتىنى مەخپىي ياساۋاتىدۇ. بۇ تۈرنىڭ باشقۇرغۇچى خادىمى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى DDG-1000 «زۇمۋالت» دەرىجىلىك ئۈچ قوغلىغۇچى پاراخوتنى ياساش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى، سېتىۋېلىش كېلىشىمىمۇ پات ئارىدا ئىمزالانماقچى ھەم مۆلچەردىكىدەك ئېلىپ بېرىلماقتا، دېدى.
دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پولكوۋنىكى جامۇس دوۋنېي بۇ ئاينىڭ بېشىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: بىز پىلان بويىچە يولغا قويۇۋاتىمىز، پىلانىمىز خامچوتتىن ھالقىپ كەتمەيدۇ، بىزنىڭ تۈرىمىز مۇستەھكەم باسقۇچقا كىردى، دېدى.
دوۋنېي: «زۇمۋالت» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوت بۇ دەرىجىدىكى تۇنجى پاراخوت بولۇپ، ئۇنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى تاماملاندى، 17-نويابىر ماين ئىشتاتىدىكى ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىر كۈچى بات كېمىسازلىق زاۋۇتى پاراخوتقا كىل ئورۇنلاشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە، پاراخوت ياساش خىزمىتىنىڭ ٪60تىن كۆپرەكى تاماملىنىدۇ.
«مىچائېل مېڭسۇئېر» ناملىق (DDG-1001) ئىككىنچى پاراخوت ۋە تېخى نام قويۇلمىغان (DDG-1002) ئۈچىنچى قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ ياساش كېلىشىمىمۇ 15-سېنتەبىر بات كېمىسازلىق زاۋۇتىغا بېرىلدى. «مىچائېل مېڭسۇئېر» ناملىق پاراخوت ياساش تۆتتىن بىر قىسىم باسقۇچنى تاماملىدى، (DDG-1002) ناملىق پاراخوت كېلەر يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ ياساشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.