ئويۇنلار رەسىملەر چولپانلار ئىتوتلار ناخشىلار MTV كىنولار خەۋەر مەركىزى باش بەت
 
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 387 قېتىم كۈرۈلدى

خۈيفىڭ: 2012-يىلى جۇڭگو پۇل سىياسىتىنىڭ كېڭىيىش يىلى بولىدۇ

خۈيفىڭ ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر ئاخبارات يىغىنىدا، خۈيفىڭنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى باش ئىقتىسادشۇناسى چۇ خۇڭبىن مۇنداق كۆرسەتكەن، 2011-يىلى جۇڭگو ئۈچۈن ئېيتقاندا تارايتىش يىلى بولغان، 2012-يىلى بولسا پۇل سىياسىتىنى كېڭەيتىش يىلى بولۇپ قالغۇسى.
چۇ خۇڭبىن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن، ئاساسلىق مىقدار تىپىدىكى قوراللار ئاساس، باھا قوراللىرى قۇشۇمچە بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مۆلچەردە ئاز دېگەندىمۇ 3 قېتىم ئامانەت تەييارلىق پۇلى نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. يىلنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە CPI %3 تۆۋەنلەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولغان ۋاقىتتا، بەلكىم بىر قېتىمدا 25 نۇقتا ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش سىياسەت تەدبىرى ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. يېڭىدىن كۆپىيىدىغان قەرزنى مۆلچەرلىگەندە، بۇ يىلى يېڭىدىن كۆپىيىدىغان قەرز سوممىسى ئۆتكەن يىلقى 7 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ 8 تىرىليون يۈەندىن 8 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگىچە بولىدۇ، بۇ ئېنىقلا پۇلنىڭ كېڭىيىش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئۇ يەنە پەقەت پۇل سىياسىتىلا كېڭىيىشكە قاراپ ماڭماستىن، مالىيە سىياسىتىمۇ تېخىمۇ ئاكتىپلىشىپ بارىدۇ دەپ بىلدۈرگەن. چۇ خۇڭبىن مالىيە سىياسىتى جەھەتتە، باجنى كېمەيتىش جەھەتتە قەدەممۇ-قەدەم چوڭىيىپ بارىدىغانلىقىنى كۈتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. يەنە چىقىمنىڭ كۆپىيىشى جەھەتتە، كاپالەت ئۆيگە نىسبەتەن مالىيە سېلىنمىسىنىڭ تېخىمۇ ئارتىپ بارىدىغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ساھەلەردىكى ئىستېمال ياردىمىنىڭمۇ ئېشىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، سىياسەت جەھەتتە بىر قەدەر چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىدىن ئىبارەت بولۇپ، دۆلەت ئىچكى ئىقتىسادى ۋەزىيىتىدە بىر قەدەر چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. ئۆتكەن يىلىدا پۇل پاخاللىقى ئاساسلىق خەتەر بولۇپ قالغان، لېكىن ھۆكۈمەت تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق مىقدارلىق تارايتىش پۇل سىياسىتى ۋە مۇناسىپ تەڭشەش سىياسەتلىرى شۇنداقلا مەمۇرىي تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن، M1 ۋە M2 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆرسەتكۈچىلەر نورمال سەۋىيىگە چۈشكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۈيفىڭنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىلى بىرىنچى پەسىلدىكى GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بەلكىم تۆۋەنلەپ %8 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ماكرولۇق سىياسەتتە دەرھال تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، بۇنداق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاستىلاپ كېتىش خەتىرىدىن ساقلىنىش كېرەك. پۈتۈن بىر يىلغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %8.5 ئەتراپىدا ساقلىنىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى زور ياكى بۇ بىر چوڭ ئېھتىماللىق، ئەلۋەتتە بۇ سىياسىي تەڭشەشنىڭ دەل ۋاقتىدا بولۇش-بولماسلىقى، مۇۋاپىق بولۇش-بولماسلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
بىراق، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى جەھەتتە، خۈيفىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە ئازراق ئوخشىماسلىقلار بار. چۇ خۇڭبىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن، يۇقىرىقى چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشلەر ئاستىدا، خەلق پۇلىغا قارىتا، 2005-يىلدىن بۇيانقى خەلق پۇلىنىڭ يەككە تەرەپلىك قىممەت ئۆسۈشى ئاللىقاچان ئاخىرلاشقان. بۇ يىلىدىن باشلاپ، خەلق پۇلى ئىككى يۆنىلىشلىك تەۋرىنىش دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشى، ياكى داۋاملىق چۈشۈشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ نىسپىي مۇقىملىقنى ساقلايدۇ، لېكىن مۇقىم بولغان ئارىلىقتا، تېخىمۇ كۆپ بولغان ئېلاستىكلىقلار كۆرۈلىدۇ.

 

خەۋەر يوللانغان ۋاقىت :
48:02 23-01-2012
خەۋەر يوللىغۇچى :
رولچى تورى
ئەڭ ئاۋات خەۋەرلەر

بېيجىڭدىكى تەنتەربىيە سارىيى «قۇش چاڭگىسى» غا ئوت كەتتى

1-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈش سائەت 12 دە بېيجىڭدىكى تەنتەربىيە سارىيى < قۇش چاڭگىسى>سىنىڭ غەربى قىسمىنىڭ 100 مىتىر يىر ..

بېيجىڭدىكى تەنتەربىيە سارىيى «قۇش چاڭگىسى» غا ئوت كەتتى

بېيجىڭدىكى تەنتەربىيە سارىيى «قۇش چاڭگىسى» غا ئوت كەتتى
زەھەرنى بالا تىنىگە تىقىشتۇرۇپ ساتقان ئاياللار تورغا چۈشتى
چاغان مەزگىلىدە ئىچكىرىدە «ئادەم بومبا» ۋەقەسى چىققان
ماي باھاسى ئىزچىل يۇقىرىلاۋاتقان ھازىرقى پەيتتە بۇ ئاپتوموبىل سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز
جۇڭگو-شەرقى ئاسىيا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى شەندۇڭغا نەپ بەرمەكتە
تەخمىنەن 3 مىتىرلىق چوڭ قول سومكىسى پەيدا بولدى
ياپونىيەدە ئۇدا 14 يىل ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلارنىڭ سانى 30 مىڭغا يەتكەن
خۈيفىڭ: 2012-يىلى جۇڭگو پۇل سىياسىتىنىڭ كېڭىيىش يىلى بولىدۇ
كېچىدە پۇل ئېلىۋاتقان ئايالنىڭ3000يۈەن پۇلىنى بۇلاڭچى بۇلاپ كەتكەن
نىڭشيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب تىلى ئىنستىتۇتى رەسمىي قۇرۇلدى
ئافغانىستاندىكى سىز قەتئىي كۆرۈپ باقمىغان كۆرۈنۈشلەر
ئېلىمىز يېزىلىرىدا ياشانغانلار كۆپىيىش دەرىجىسى %15.4كە يەتتى
جۇڭگو 11- يەتىكەن يۇلتۇزى باشلامچى سۈنئىي ھەمراھىنى ئوڭۇشلۇق قويۇپ بەردى
مەركەز تەبىئىي ئاپەت تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ئاجرىتىلدى
دولان قويىنىڭ ئەڭ قىممىتى 1 مىليون 400مىڭ فوندستېرلىڭ
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر
بىر كىلو خېروئىن يۆتكىگەن مۇناپىقنىڭ شامىلى يىغىلدى
نامرات كىشى بالىسىغا دەپتەر ئېلىپ بېرەلمەي ئۆلۈۋالماقچى بولغان
يىگىت مېترو بېكىتىدە ۋوگزال سەھنىسىدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قالدى
ئافغانىستاندىكى سىز قەتئىي كۆرۈپ باقمىغان كۆرۈنۈشلەر
ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن «ئادىمى ھايۋان »
ساقچىلارغا تۇتۇق بەرمەي قېچىپ كەتكەن ئوغرى
ئايال ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن ئادەم ياللاپ قاتىللىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن
سەھىيە مىنىستېرلىكى 5 يىل ئىچىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئىئانە قىلىشىنى بىكار قىلىشقا ۋەدە بەرد
ماي باھاسى ئىزچىل يۇقىرىلاۋاتقان ھازىرقى پەيتتە بۇ ئاپتوموبىل سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز
جۇڭگو 11- يەتىكەن يۇلتۇزى باشلامچى سۈنئىي ھەمراھىنى ئوڭۇشلۇق قويۇپ بەردى
تەخمىنەن 3 مىتىرلىق چوڭ قول سومكىسى پەيدا بولدى
جۇڭگو-شەرقى ئاسىيا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى شەندۇڭغا نەپ بەرمەكتە
بېيجىڭدىكى تەنتەربىيە سارىيى «قۇش چاڭگىسى» غا ئوت كەتتى
چاغان مەزگىلىدە ئىچكىرىدە «ئادەم بومبا» ۋەقەسى چىققان
كېچىدە پۇل ئېلىۋاتقان ئايالنىڭ3000يۈەن پۇلىنى بۇلاڭچى بۇلاپ كەتكەن
خۈيفىڭ: 2012-يىلى جۇڭگو پۇل سىياسىتىنىڭ كېڭىيىش يىلى بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر
توربېكەت ھەققىدە بىزھەققىدەمۇلازىمەتلىرىمىزخېرىدارلىرىمىزئېلان بېرىڭھەمكارلىشىڭ

تور بېكەتنىڭ بارلىق نەشىر ھوقوقى رولچى ئۇيغۇر تورىغا مەنسۇپ

Copyright © 2010 - 2015 rolqi.cn. All Rights Reserved 版权所有偌利期综合网站

E_mail:rolqicn@sina.com 联系电话:13999084004 13899120664 QQ:345900349 رولچى توپ نومۇرى : 18591090

ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ (مەزمۇن پاش قىلىش ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى):13999084004

تور بېكىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەر قانداق تور ساھەسىدىكى تۈر بۇيىچە ھەمكارلاشقۇچىلارنى قارشى ئالىمىز!

رولچى تورى تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

备案号码:新ICP备10001499号-1