[كورېيە «چاۋشيەن گېزىتى» تور بېكىتى، 28-سېنتەبىر خەۋىرى] كورېيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا رازۋېدكا قىلىدىغان «يەر شارى بۈركۈتى» ناملىق ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىش پىلانى سۇغا چىلاشتى. چۈنكى، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ باھاسى كورېيە ھۆكۈمىتى مۆلچەرلىگەن 450 مىليارد ۋون(تەخمىنەن 380 مىليون دوللار)دىن بىر ھەسسىسىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. كورېيە ھەربىي دائىرىلىرى 200 مىليارد ۋونغا تۆت «يەر شارى بۈركۈتى» ناملىق ئايروپىلان سېتىۋالماقچى بولۇپ، 2007-يىلى 186 مىليارد 900 مىليون خامچوتنى بېكىتكەن. لېكىن، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ 2009-يىلى 9-ئايدا قويغان باھاسى 486 مىليارد 200 مىليون ۋون بولغان، ئىككى يىلدىن كېيىنكى ئىيۇلدا باھانى تېخىمۇ ئۆرلىتىپ، 940 مىليارد ۋوندىن ئاشۇرۇۋەتكەن.
ئامېرىكا دائىرىلىرى باھانىڭ ئۆرلىشىگە دۆلەتنىڭ مۇداپىئە خامچوتىنى ئازايتىۋەتكەنلىكى سەۋەب بولدى دەپ چۈشەندۈردى. ئامېرىكا بىلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى مىنىستىرى مىخائىل تاڭلىنىڭ ئىيۇندا پارلامېنتقا سۇنغان دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، «يەر شارى بۈركۈتى» ناملىق ئايروپىلاننىڭ زاكاز تالونى ٪14 ئازايغان، يەككە باھاسى ٪25 تىن ئارتۇق ئاشقان. ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئالاقىدار ئەربابى: ئامېرىكا دائىرىلىرى كورېيەنىڭ «يەر شارى بۈركۈتى» ناملىق ئايروپىلاننى كىرگۈزۈشنى نەقەدەر ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ باھاسى بەلكىم ئەمەلىي باھادىن ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دېدى.
كورېيە دائىرىلىرىنىڭ خەۋەردار ئەربابى: «كورېيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ مۇقىملىقى، «يەر شارى بۈركۈتى» ناملىق ئايروپىلاننىڭ ئۇرۇشتا جەڭ قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا قانچىلىك مۇھىملىقىدىن قەتئىينەزەر، مۆلچەردىكى باھانىڭ بىر ھەسسىسىدىنمۇ يۇقىرى باھانى ئامما ۋە پارلامېنت قوبۇل قىلالامدۇ؟»، دېدى.
ئەگەر «يەر شارى بۈركۈتى» ناملىق ئايروپىلاننى كىرگۈزەلمىسە، 2015-يىلى 12-ئايدا ئۇرۇش ۋاقتىدا جەڭ قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، كورېيە ئارمىيەسىنىڭ مۇستەقىل نازارەت قىلىش، چارلاش ئىقتىدارىدا يوچۇق پەيدا بولىدۇ. كورېيە 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى جەڭ قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، چاۋشيەنگە قارىتىلغان نازارەت قىلىش، چارلاش ھەم ئاخبارات توپلاش ئەڭ ئاجىز ھالقا بولۇپ قالىدۇ. «يەر شارى بۈركۈتى»ناملىق ئايروپىلاننى كىرگۈزۈش بۇ ھالقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىدى. «يەر شارى بۈركۈتى»ناملىق ئايروپىلان توختىماي 36 سائەت ئۇچالايدۇ. ئۇنى كورېيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «U-2» بەلگىلىك چارلىغۇچى ئايروپىلانى ۋە كورېيە ئارمىيەسىنىڭ «ۋاجرا» ناملىق چارلىغۇچى ئايروپىلانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، داۋاملىق ئۇچۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، چاۋشيەننىڭ ھەممە يېرىنى نازارەت قىلالايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى 2012-يىلىدىن كېيىن كورېيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان «U-2» بەلگىلىك ئىستراتېگىيەلىك چارلىغۇچى ئايروپىلانى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن توختايدۇ، شۇڭا كورېيە ئارمىيەسىنىڭ مۇستەقىل ئاخبارات توپلاش ئىقتىدارىنى جىددىي تولۇقلاش زۆرۈر.
ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇلتۇر گۇئام ئارىلىغا «يەر شارى بۈركۈتى» ناملىق ئايروپىلاننى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىغا قارىتا كۆزىتىش ۋە چارلاش ئېلىپ بارغان، لېكىن دائىم كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلىنىپ يۈرمىگەنلىكتىن، چاۋشيەننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يوچۇق كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.
كورېيە پارلامېنتى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىدىكى «بۈيۈك كورېيە پارتىيەسى»نىڭ پارلامېنت ئەزاسى كىم جاڭسو دۆلەت سىياسىتىنى تەكشۈرۈش كېڭىشىدە: «ئامېرىكىنىڭ <يەر شارىنى تەكشۈرگۈچى> ناملىق يەنە بىر ئۇچقۇچىسىز چارلىغۇچى ئايروپىلانىنىڭ باھاسى <يەر شارى بۈركۈتى> ناملىق ئايروپىلاننىڭكىدىن تۆۋەن، بۇ ئىككى خىل چارلىغۇچى ئايروپىلاننىڭ رىقابەت مۇناسىۋىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن»، دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ «يەر شارىنى تەكشۈرگۈچى» ناملىق ئايروپىلانىنى تەتقىق قىلىپ ياساش تېخى تاماملانمىغانلىقتىن، كورېيە ھەربىي دائىرىلىرى دۆلەت ئىچىدە ياسىلىۋاتقان ئوتتۇرا، يۇقىرى بوشلۇقنى ئۇچقۇچىسىز چارلىغۇچى MUAV بەلگىلىك ئايروپىلاننى «يەر شارى بۈركۈتى» ناملىق ئايروپىلاننىڭ ئورنىدا ئىشلەتمەكچى. خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا، يۇقىرى بوشلۇقتىن رازۋېدكا قىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز چارلىغۇچى ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ ياساشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، كورېيە دۆلەت مۇداپىئەسى، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى لۇ دىنېرس 8-سېنتەبىر دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئاۋىياتسىيە سىناق مەيدانىنى زىيارەت قىلغان. خەۋەردار ئەربابنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، «ئەڭ ياخشىسىنى ئىشلەتكىلى بولمىسا، ئىككىنچى ئورۇندىكىسىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ»، بۇ كورېيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ تۈپ مەيدانى.