[ئامېرىكا «دۆلەت مۇداپىئە ئايلىق ژۇرنىلى» خەۋىرى. بىر ئىنژېنېر تىك كۆتۈرۈلۈپ قونىدىغان ئايروپىلاننى لايىھەلىدى. بۇ ئايروپىلان ھازىرقى تىك ئۇچار ئايروپىلانغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز ھەم يىراققا ئۇچالايدىكەن.
ئاتلانتادىكى رىچارد ئولىف يېقىندا يېڭى ئۇقۇم ئايروپىلانىنى تونۇشتۇردى، بۇ خىل ئالتە سىلىندىرلىق ماتور ئورۇنلاشتۇرۇلغان تىك كۆتۈرۈلۈپ قونىدىغان بۇ ئايروپىلان 425 مىل(بىر مىل تەخمىنەن 1.6 كىلومېتىر)دىن يۇقىرى چارلاش سۈرئىتى بىلەن 25 مىڭ فۇتتىن يۇقىرى ئېگىزلىكتە 2000 مىلدىن ئارتۇق ئارىلىققا ئۇچۇپ بارالايدۇ.
بۇ ئايروپىلاننىڭ ئىقتىدارى مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلاننىڭكى بىلەن يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، تىك ئۇچار ئايروپىلان ياساش سودىگەرلىرىنىڭ ئىزچىل تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان نىشانى.
ئولىف بەشبۇرجەك بىنانىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇنىڭ يېڭى ئۇقۇم ئايروپىلانى توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىشتى ھەمدە لايىھە خەرىتىسىگە بىر قىسىم ئوخشىمايدىغان قۇرۇلمىلارنى كىرگۈزدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئايروپىلاننى ئۇچقۇچىلىق ياكى ئۇچقۇچىسىز ھەيدەلگىلى بولىدىكەن. ئۇ سېنزور، ھەربىي ھازىرلىقلار، ھەربىي خادىم ۋە مال قاتارلىقلارنى توشۇپ ماڭالايدىغان بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق يارىدارلارنى قۇتقۇزغىلى، چارلىغىلى، ئادەم قۇتقۇزغىلى، يولۇچىلارنى توشۇغىلى، يېقىن دېڭىزدىكى نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسىغا ئادەم توشۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.
ئولىف: بۇ يېڭى ئۇقۇم ئايروپىلانىنىڭ نامى تېخى بېكىتىلمىدى، دېدى.

سۈرەتتە: يېڭى ئۇقۇم ئايروپىلانىنىڭ تەقلىدىي سۈرىتى