شىنخۇا تورى جىنەن 26-يانۋار تېلگراممىسى جۇڭگو-شەرقى ئاسىيا ئەركىن سودا رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى، شەندۇڭ پورتىنىڭ 2011-يىلى شەرقى ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەن سودىسىنى %38.1ئاشۇردى.
2010-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ جۇڭگو-شەرقى ئاسىيا ئەركىن سودا رايونى رەسمى قۇرۇلغاندىن كېيىن جۇڭگو بىلەن شەرقى ئاسىيا ئىتتىپاقى ئارىسدىكى قوش تەرەپلىك ئىقتىساد ئالاقىسى كۈنسېرى جانلىنىپ، ئىقتىسادتىكى ئۆزئارا تولۇقلاش قوش تەرەپ سودىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى. چىڭداۋ تاموژنىنىڭ سىتاتېستىكىسىغا قارىغاندا، 2011-يىلى شەندۇڭ پورتىنىڭ شەرقى ئاسىيا ئىتتىپاقىغا قىلغان ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 31مىليارد460مىليون دوللار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.1ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 10مىليارد810مىليون دوللار بولۇپ، %27.6ئاشقان؛ ئىمپورت 20مىليارد650مىليون دوللار بولۇپ، %44.2ئاشقان.
تاموژنىنىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، ماشىنىسازلىق-ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، توقۇلما بويۇملار شەندۇڭ پورتىنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت تاۋىرى بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3مىليارد380مىليون دوللار، 2مىليارد210مىليون دوللار ۋە 1مىليارد150مىليون دوللار بولغان؛ تەبىئىي كاۋچۇك، تەييار ماي، ۋە ماشىنىسازلىق-ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىق ئىمپورت تاۋارلىرى بولغان.
شەرقى ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە، مالايسىيا، تايلاند، ھىندونىزىيە شەندۇڭ پورتىنىڭ ئاساسلىق سودا دۆلىتىدۇر.

























