
تېڭشۈن تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، كورىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كورىيە ئىقتىسادى 2011-يىلى تۆتىنچى پەسلىدىكى ئالدىنقى مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %0.4 بولغان بولۇپ، ئىقتىسادشۇناسلار ۋە كورىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ئىلگىرىكى مۆلچىرىگە يىتەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2010-يىلى تۆتىنچى پەسىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كورىيە ئىقتىسادى 2011-يىلى تۆتىنچى پەسىلدىكى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %3.4 گە يەتكەن.
بۇ قېتىمقى كورىيە مەركىزى بانكىسى ئېلان قىلغان ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەلۇماتى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرلىگىنىگە يىتەلمىگەن. Dow Jones Newswires نىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ 2011-يىلى تۆتىنچى پەسىلدىكى كورىيە ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مۆلچىرى بولسا %0.5 بولغان؛ لېكىن Thomson Reuters نىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئىقتىسادشۇناسلار نۆۋەتتىكى كورىيە ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتىنى%0.8 گە يېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەلۇماتى كورىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ مۆلچىرىدىن خېلىلا تۆۋەن بولغان. كورىيە مەركىزى بانكىسى 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسەتكەن، يەنى ئۆتكەن يىلى تۆتىنچى پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %1 بولۇش ئېھتىماللىقى بار.
كورىيە مەركىزى بانكىسى بۈگۈنكى ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، كورىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكى بولغان ئېكسپورت كەسپىدە ئۆتكەن يىلنىڭ تۆتىنچى پەسىلدە ئالدىنقى مەزگىلدىكىدىن %1.5 نىسبەت تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن، مانا بۇ ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولۇپ قىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. كورىيە مەركىزى بانكىسى « ئالاقە ئۈسكۈنىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتىدا ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن.» دەپ كۆرسەتكەن.
گەرچە بۇ قېتىمقى كورىيە مەركىزى بانكىسى ئېلان قىلغان ئىقتىسادى مەلۇماتلار مۆلچەردىكىدەك بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن كورىيە پاي چېكى بازىرىدا بۈگۈن ئەتىگەنكى سودىدا يەنىلا %0.2 ئېشىش كۆرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كورىيىنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى يۈزلىنىشىمۇ بىر قەدەر مۇقىم بولغان.



























