ئويۇنلار رەسىملەر چولپانلار ئىتوتلار ناخشىلار MTV كىنولار خەۋەر مەركىزى باش بەت
 
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> IT خەۋەرلىرى >> يازما كۈرۈش >> 36 قېتىم كۈرۈلدى

ئالما شىركىتىنىڭ 2012-يىلى تۇنجى پەسىللىك تىجارەت كىرىمىدە رېكورت يارىتىلدى

 

تۈنۆگۈن ئالما شىركىتى 2012-مالىيە يىلى بىرىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك تىجارەت كىرىمى 46مىليارد333مىليون دوللار بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 26مىليارد741مىليون دوللار ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %73بولۇپ، تاق پەسىللىك تىجارەت كىرىمىدە تارىخىي رېكورت يارىتىلغان؛ ساپ پايدىسى 13مىليارد 64مىليون دوللار بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6مىليارد4مىليون دوللار ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %118بولغان؛ ئومۇمى پايدا نىسبتى%44.7بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.5 يۇقىرى بولغان.
ئالما شىركىتىدىكى CEOتىم كۇك مۇنداق دېدى: «بىز شىركەتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە رېكورت ياراتقانiPhone، iPad، Macنىڭ سېتىش مىقدارىدىن ناھايتتى ھاياجانلىنىۋاتىمىز. ئالما شىركىتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ كۈچىيىشىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، ئەمما بىز ھازىر بەزى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېچىۋاتىمىز». ئەمما iPhoneغا نىسبەتەن، كوك ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:«بىز 37مىليون دانە iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارىدىن تولىمۇ رازى».
بۇندىن باشقا، كۇك جۇڭگو بازىرىنىڭ iPhoneغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. نۆۋەتتە ئالما شىركىتىنىڭ ئىلكىدىكى نەق پۇل 97مىليارد 600مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى پەسلىدە 81مىليارد دوللار ئىدى.
خەۋەر يوللانغان ۋاقىت :
07:03 27-01-2012
خەۋەر يوللىغۇچى :
رولچى تورى
كىيىنكى خەۋەر : خەۋەر يوق
ئەڭ ئاۋات خەۋەرلەر  
 
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر  
ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر  
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر  
توربېكەت ھەققىدە بىزھەققىدەمۇلازىمەتلىرىمىزخېرىدارلىرىمىزئېلان بېرىڭھەمكارلىشىڭ

تور بېكەتنىڭ بارلىق نەشىر ھوقوقى رولچى ئۇيغۇر تورىغا مەنسۇپ

Copyright © 2010 - 2015 rolqi.cn. All Rights Reserved 版权所有偌利期综合网站

E_mail:rolqicn@sina.com 联系电话:13999084004 13899120664 QQ:345900349 رولچى توپ نومۇرى : 18591090

ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ (مەزمۇن پاش قىلىش ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى):13999084004

تور بېكىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەر قانداق تور ساھەسىدىكى تۈر بۇيىچە ھەمكارلاشقۇچىلارنى قارشى ئالىمىز!

رولچى تورى تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ

备案号码:新ICP备10001499号-1