
نۆۋەتتە، بىر قىسىم A380 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى قانىتىنىڭ ئىچىدىكى ئۇلاش دېتالىدا يېرىلىش كۆرۈلگەن، ياۋروپا ئاۋىئاتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى A380 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىغا قارىتا ھاۋا مەشغۇلاتىغا ماسلىشىش بۇيرۇقىنى بېرىپ، بىر قىسىم A380 يولۇچىلار ئايروپىلانىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىككى A380 ئايروپىلانى بۇ تەكشۈرۈشنىڭ ئىچىدە ئەمەس، ئەتە بېيجىڭدىن گۇاڭجۇغا ئۇچىدىغان A380 يولۇچىلار ئايروپىلانى نورمال ھالەتتە ئۇچىدۇ.
24-چېسلا، ياۋروپا ئاۋىئاتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ھاۋا مەشغۇلاتىغا ماسلىشىش بۇيرۇقى كۈچكە ئىگە بولغان، جەمئىي ئۇچقان قېتىم سانى 1800 ئۇچۇش ئايلىنىشىدىن ئاشقان A380 ئايروپىلانى ھاۋا مەشغۇلاتىغا ماسلىشىش بۇيرۇقى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ تۆت كۈن ياكى 14 ئۇچۇش ئايلانمىسى ئىچىدە بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قوبۇل قىلىشى تەلەپ قىلىنغان؛ ئۇچۇش قېتىمى 1300 ئۇچۇش ئايلىنىش قېتىمىدىن ئاشقان لېكىن 1800 قېتىمغا يەتمىگەن A380 ئايروپىلانىغا قارىتا، 6 ھەپتە ياكى 84 ئۇچۇش ئايلانمىسى ئىچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.يولۇچىلار ئايروپىلانى جۇڭگونىڭ ئالاقىدار مەسئۇل خادىمى مۇنداق كۆرسەتكەن، ياۋروپا ئاۋىئاتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ھەرگىزمۇ A380 نىڭ «ئۇچۇشتى توختىشى»نى تەلەپ قىلمىغان، بەلكى ئۇچۇش قېتىم سانى 1300 ئۇچۇش ئايلىنىشىدىن ئاشقان A380 ئايروپىلانلىرىغا قارىتا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن چەك ئىچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان خالاس. ئۇنىڭدىن باشقا، جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ تۇنجى A380 تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئۇچۇشى تەخمىنەن 250 ئايلانما قېتىم بولغان بولۇپ، بۇ ھاۋا مەشغۇلاتىغا ماسلىشىش بۇيرۇقىنىڭ تەلىپىدىكى تەكشۈرۈش دائىرىسى ئىچىدە ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن نورمال ئۇچسا بولىدۇ.
























