



جۇڭگو خەۋەلەر تورىنىڭ 30-سىنتەبىر يوللىغان تېلگىراممىسى:
چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىۋاتقان چىلى ئوقۇغۇچىلىرى 29-سېنتەبىر تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. گەرچە سۆھبەتنىڭ جەريانى تولىمۇ ئەگرى-توقاي بولسىمۇ، ھەم ئىشەنچسىز بولسىمۇ بۇ قېتىم سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەچچە ئونمىڭلىغان ئېتىراز بىلدۈرگۈچى ئامما يەنىلا كوچىلاردا نامايىش قىلىپ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان.
چىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى بەش ئايدەك داۋاملاشقان بولۇپ، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر ۋە بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپلەر دەرس توختاتقان. بىراق ھۆكۈمەت بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە قويغان تەلەپ ئۆز-ئارا قوبۇل قىلىنمىغان.
بۇ قېتىمقى سۆھبەت چىلى دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ يەردىكى بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ كېلەر ئاينىڭ 5-كۈنى قايتىدىن كۆرۈشۈشنى بېكىتكەن ۋە شۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان ئاممىۋى مائارىپنى ھەقسىز قىلىش تەلىپىنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولغان. بىر نەپەر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەھۋالى بەك مۇرەككەپ ئىكەن،.
شۇ كۈنى سان-دىياگودىكى 100 مىڭغا يېقىن كىشى بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان. نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. ساقچى تەرەپ سۇ تاپانچىسى ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىپ ئوقۇغۇچىلارغا قايتۇرما زەربە بەرگەن.
چىلى ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا قەتئىيلىك بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىغا قايتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. چىلىنىڭ زۇڭتۇڭى پىنىلا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر ئوقۇغۇچىلار نورمال دەرسكە قاتناشمىسا، ئۇلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە قاتناشقان چىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بورناس مۇنداق دېدى:« بىز مەكتەپكە قايتىپ نورمال دەرس ئوقۇشنى خالىمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بەرمەيمىز».
نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپىنىڭ ۋەكىللىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە قاتناشتى.
شۇ كۈنى كەچىرەك ۋاقىتتا زۇڭتۇڭ پىنىلا بايانات ئېلان قىلىپ، 2012-يىللىق دۆلەتنىڭ خامچوتىدا 110 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مائارىپ چىقىمى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قېتىمقى مائارىپقا ئاجرىتىلغان راسخوت ئۆتكەن يىلقىدىن %7.2 پىرسەنت كۆپ ئىكەن.
























