{فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 28-سېنتەبىر ۋاشىنگتوندىن بەرگەن خەۋىرى} فىلىپپىننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى راموس بۈگۈن : جۇڭگونىڭ يېقىندىن بۇيان دېڭىز تالاش-تارتىشىدا ئۆزىگە ھەدىدىن زىيادە تەمەننا قويۇپ كېتىشى ئامېرىكىنىڭ كۈچىگە خىرىس قىلىش ئارزۇسىدىن پەيدا بولغان ، دېدى ۋە بۇ جايدا تېخىمۇ كەسكىن ۋەزىيەت پەيدا بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى .
راموس ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلۋاتقاندا ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى ۋە شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىنى چۆرىدەپ ‹‹ قىياسەن ئۇرۇش ›› قىلماقتا . بۇ ئىككى دېڭىزدا بېيجىڭ بىلەن فىلىپپىن ، ۋېيتنام ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى سۈركىلىش ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە ، دېدى .
راموس ئەنئەنە فوند جەمئىيىتىدىكىلەرگە قىلغان سۆزىدە : ‹‹مېنىڭچە ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى نىشانى ئامېرىكىنىڭ بۇ دېڭىزلارغا كىرىش ھەرىكىتىگە چەك قويۇش ھەمدە ۋاشىنگتوننىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ، بولۇپمۇ فىلىپپىنغا بەرگەن بىخەتەرلىك كاپالىتىنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ›› دېدى . ئۇ يەنە : ‹‹مېنىڭ مۆلچەرىمچە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى كەسكىن ۋەزىيەت داۋاملىشىۋېرىدۇ ، چۈنكى جۇڭگو غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلىمىز دەپ قارايدۇ ، مانا بۇ ئۇنىڭ تۈپ سەۋەبى ›› دېدى ۋە ئامېرىكا جۇڭگوغا نىسبەتەن غايەت زور ھەربىي ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاچقا ھازىرچە ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرمەيدۇ ، دەپ مۆلچەرلىدى .
ياپونىيەدىن چىقىدىغان ‹‹ئىقتىسادىي خەۋەرلەر گېزىتى›› 29-سېنتەبىر جۇڭگونىڭ ياپونىيە-فىلىپپىن ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتى دېگەن ماۋزۇدا خەۋەر باستى .
فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ئاكىنو ياپونىيەنى زىيارەت قىلغاندا ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىكو نودا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ، ئىككى تەرەپ بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ‹‹ئىستراتېگىيەلىك شىرىك مۇناسىۋىتى›› دەپ بېكىتتى .
فىلىپپىن ۋىيتنام ۋە ھىندونېزىيەدىن كېيىن ياپونىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنى بەلگىلىگەن ئۈچىنچى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ . بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرسىدا دېڭىز تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇق تالاش-تارتىشى بار .ئۈزلۈكسىز قۇدرەت تېپىۋاتقان جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىش ساھەسىدىكى تىرىشچانلىقىغا قارشى ئىش كۆرۈش ياپونىيەنىڭ ئاسىيا دېپلوماتىيەسىدە كۈندىن كۈنىگە مۇھىم ئورۇن تۇتماقتا .
نەنشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسى فىلىپپىن بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرسىدا ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ئىككى دۆلەتنىڭ بېلىقچىلىق كېمىلىرى ، بېلىقچىلىق نازارەت پاراخوتى ۋە ھەربىي پاراخوتلىرى پات-پات دېڭىزدا تىركىشىپ توقۇنۇشۇپ كېلىۋاتىدۇ ، جۇڭگونىڭ ئۆزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ دېڭىز-ئوكيانلارغا كىرىش قەدىمىنى تېزلىتىشى بۇنداق ۋەزىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولماقتا . ئەگەر جۇڭگو ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىز تەۋەسىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىۋالسا ، ياپونىيەنىڭ دېڭىز قاتنىشى تەھدىتكە ئۇچرىشى مۇمكىن . سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرى (بىز دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللار دەپ ئاتايمىز) نى ياپونىيە بىزنىڭ ئارىلىمىز ، دەپ قارايدۇ ، جۇڭگو بولسا بۇ ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىماقتا . ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى پىكرى بىر-بىرىگە قارمۇ–قارشى ، فىلىپپىن بولسا نەنشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى چۆرىدىگەن ھالدا جۇڭگو بىلەن سۈركىلىش پەيدا قىلىۋاتىدۇ ، بۇ ئىككى ئەھۋال بىر-بىرىگە بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ .
























